logo

trugen jacn

جوئە ھامىلتون تەرىپىدىن ئىلھام توھتىغا بىغىشلانغان ناخشا

ئۇيغۇر قانۇن ھەركىتىنىڭ يولباشچىسى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۈيۈملۈك ۋە قاھرىمان پەرزەنتى ئىلھام توھتىغا بىغىشلانغان بۇ ناخشا شوتلاندىيەلىك مەشھۇر مۇزىكانىت جوئە ھامىلتون تەرىپىدىن 2014.يىلى 4.ئاينىڭ 22.كۈنى ئىجات قىلىنغان

خامىلتون يازغان «سەن ئۆيگە قايتقۇچە» ناملىق بۇ ناخشا تېكىستىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:

سەن ئۆيگە قايتقۇچە

ئىزدىدىڭ بىز ئۈچۈن يېڭى بىر ھايات
ئىگىلمەس روھىڭ ھەم غەيرىتىڭ بىلەن
ئېرىشتىڭ ئەلئارا چەكسىز ھۆرمەتكە ،
ئادالەت،مۇھەببەت ھەم سەۋرىڭ بىلەن

مۇپتىلا بولدۇڭسەن قىيىن – قىستاققا
ئىنسان ئىشەنگۈسىز ئازاپ قىسمەتكە
سېنىڭ پاك ۋىجدانىڭ، سەمىمى روھىڭ
بەزى نامەرتلەرنى سالدى ھەسەتكە

ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ كىرىپ كېلىسەن
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ ھامان
ئۈمىدتە، ئىشەنچتە كۈتىمىز سېنى
روھىمىز، ئويىمىز سەندە ھەر زامان

قايتۇرما
نۇر چاچتى ئەتراپقا پاك مۇھەببىتىڭ
چىراق، شام ياقىمىز كۈندۈز ۋە كىچە
نامىڭنى ياد ئېتىپ يازىمىز كۆككە،
تاكى سەن ھۆر بولۇپ ئۆيگە كەلگىچە

Share
3170 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.