logo

trugen jacn

ئىلھام توختى 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

30-نويابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ (گائاگا) شەھىرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ يىغىن زالىدا بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە يىغىن ئېچىلدى.

باش ئورگىنى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن بۇ يىغىندا 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى داغدۇغا بىلەن جاكارلاندى.

مۇكاپات ساھىبى قاماقتا بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارادا بۇ ھەقتىكى داۋالىرى بىلەن تونۇلۇۋاتقان «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» مۇكاپاتنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالدى

مەزكۇر بىرلەشمە قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسىنىڭ سابىق ھەيئەت ئەزاسى ماركۇس ليونىڭ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئالدى بىلەن بۇ قېتىم ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسى كۈنلۈكسىمان تەشكىلات بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئەركىن پارتىيەلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەشكىللەنگەن. بىز دېموكراتىيە، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ساھەلىرى بويىچە ناھايىتى كۈچلۈك ۋەدىلەرنى بەرگەنمىز. بىز بۈگۈن تارقىتىلغان ‹ئەركىنلىك مۇكاپاتى› نى يىللاردىن بۇيان بۇيان مۇشۇ ساھەلەردىكى كۈرەشلەرگە ئاتلانغان ھەمدە ئۆزلىرىنى قۇربان قىلغان كىشىلەرنى قوللاش، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرىنى ئېتىراپ قىلىش مەقسىتىدە بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغانمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە بۇ مۇكاپات 1985-يىلى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر جامائىتىگە تونۇشلۇق بولغان كىشىلەردىن تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، بېرمانىڭ ھازىرقى رەھبىرى ئاڭسان سۇچى، پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى بېنەزەر بۇتتو، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېل قاتارلىق سىياسىيون ۋە يازغۇچىلارغا بېرىلگەن ئىكەن.

بۇ يىلقى مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات نامزاتلىرى ئىچىدىن ئىلھام توختىغا بېرىلىشىدە قانداق سەۋەبلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماركۇس ليونىڭ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۆزى مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق جەھەتتىكى بارەۋەرلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر شەخس. ئۇ يەنە خىتايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ياكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا تىنچلىق ئاساسىدىكى ئۆزئارا چۈشەنچىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچى. ئۇ بۇ جەھەتتە زىيالىيلارغا خاس سەگەكلىك بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆزئارا سۆھبەت يولى ئېچىش ۋە شۇ ئارقىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆز قاراشلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشتەك قانۇنىي ھوقۇقىنى جارى قىلدۇرغان، يەنە كېلىپ بۇ ھال خېلى بىر مەزگىل ئوڭۇشلۇق داۋام قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى ئۆزلىرىگە قارشى چىققانلىق، دەپ قارىدى ھەمدە ئۇنى تۈرمىگە مەھكۇم قىلدى.»

رەئىس ماركۇس ليونىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىدە «خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى تۈرمىگە بەند قىلىۋېتىشى خىتاي ئۈچۈن بىر چوڭ نومۇس،» دەپ كۆرسىتىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر تەسۋىرنى قوللانغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى. «خىتايدەك مۇشۇنداق بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە دائىر ئىدىيەلىرىدىن بۇنچە قورقۇپ كەتسە، يەنە كېلىپ بىر ئىنساننىڭ ياكى بىر زىيالىينىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىدىن بۇنچە پايپېتەك بولۇپ كەتسە بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپ بىر ئىش بولىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن كىشىلەر ئازراقلا نام چىقارغان ھامان ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشكە موھتاج بولۇپ قالىدىغانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمەي كېلىۋاتىمەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ بىراۋ ھەققىدە ئېيتقانلىرى دائىم يالغان بولۇپ چىقىدۇ. ماڭا بۇ ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسىدەك بىر تۇيغۇ بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا خىتايدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىنسانلارنى تۈرمىگە سولاپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى ۋە باشقا سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. ئەمدى بۇ مەسىلىگە كەلسەك، ئىنسانىيەت تارىخىدا دۇنياغا شۇنچە ئۇزۇن تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ماختىنىپ كەلگەن بىر دۆلەت ئىلھامغا ئوخشاش ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى سۈرگۈنگە ياكى قاماققا مەھكۇم قىلىۋەتسە بۇ ھەقىقەتەنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قاتتىق نومۇس قىلغۇدەك ئىش بولىدۇ، دەپ قارىدىم.»

بۈگۈن سەھەردىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا تۈرمىدىكى ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغۇچىلارنىڭ بىرى، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى مارىيە خولزمان خانىم ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بۇنچە خۇشال بولۇشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب، بۇ مۇكاپاتنى ئۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان قىلىۋاتقان ھەر تەرەپلىمە تىرىشچانلىقلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىنىشى، دەپ قاراشقا بولغانلىقىدا ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى: «بىزگە مەلۇم بولغىنى شۇكى، خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسى ئۆتكەن مەزگىللەردە، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئىككى يىلدا خىتايدىكى بارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە تولىمۇ سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئورگان. يەنە بىر ئىشنى ئېيتسام بىزنىڭ بۇلغارىيەلىك دوستىمىز، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئىلخان كۈچۈك ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان بىزنى بار كۈچى بىلەن قوللاپ كەلدى. بولۇپمۇ ئىلھام توختىنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشى، ئۇنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى، شۇنىڭدەك ئۇنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ‹ساخاروۋ مۇكاپاتى›غا نامزات كۆرسىتىش قاتارلىقلاردا بەك زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى نامزات كۆرسىتىشتىمۇ ئىلخان كۈچۈك بەك زور كۈچ سەرپ قىلدى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى مەڭگۈلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىغا مۇشۇنداق بىر مۇكاپاتنى بېرىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا خولزمان خانىم بۇنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسىنىڭ «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى ئىلھام توختىغا بېرىشى ئاشۇنداق بىر ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇ مەنسۇپ بولغان خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ سەمىگە سالىدىكەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورچى» دەپ قارىلاۋاتقان خەلقلەرنىڭ زادى قانداق خەلق ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئېيتىپ بېرەلەيدىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن بۇ ئۇلارنىڭ تىتاڭ تومۇرىنى يېرىۋېتىدىغان بىر ئىش بولدى. چۈنكى ئۇلار ھەرقاچان بىز ئىلھام توختى ھەققىدە بىرەر ئىش قىلساقلا ئولتۇرالماي كېلىۋاتقان ئىدى. سىزگە بىر مىسالنى ئېيتىپ بېرەي: يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بىز ۋېيمار شەھىرىگە بارىمىز. چۈنكى ئىلھام توختىغا ئۇ جايدا يەنە بىر مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئەنە شۇ شەھەرنىڭ تور بېتى يېقىندا تۇيۇقسىزلا خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ۋېيمار شەھەرلىك پارلامېنت بولسا خىتاي ئەلچىخانىسىدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇنىڭدا خىتاي دىپلوماتلىرى پارلامېنت ھەيئىتىگە ‹سىلەر بىر تېرورچىغا ئۇنداق ئالىي مۇكاپاتنى بەرسەڭلار بولمايدۇ!› دەپتۇ. يەنى ئۇلار ئىلھام توختىنى ‹تېررورچى› دەپتۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى ‹تېررورچى› دېگەنلىكتۇر. بۇنداق بولغان ‹تېررورچى› دېگەننىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولىدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ‹ئەركىنلىك مۇكاپاتى›نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى شۈبھىسىزكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك قىلىۋېتىدۇ. ئەگەر ئۇلار داۋاملىق مۇشۇ يوسۇندا خاپا بولۇۋەرسە، ئۇ چاغدا بەلكىم ئۇلار قايتىدىن بۇ مەسىلىنى ئويلىنىپ بېقىشى، ھېچبولمىغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى دەڭسەپ كۆرۈشى مۇمكىن. بىزنىڭ كۆزلەۋاتقىنىمىزمۇ دەل مۇشۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختى ئەينى چاغدا خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇ 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-11302017135739.html

Share
1846 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.