logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

da205598-507e-48c8-8d16-e6d78a7b24e0

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

12-دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا «ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا، تەيۋەن، گوللاندىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، پائالىيەتچىلەر، سىياسىيونلار، باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ھەر ساھە مۇخبىرلار بولۇپ 80 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دا باۋارىيە پارلامېنتىدا باشلاندى. يىغىنغا يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مارگارىتا باۋزې خانىم ساھىبخانىلىق ۋە رىياسەتچىلىك قىلدى. سائەت 15:30 غا قەدەر 4 سائەت داۋاملىشىپ ئاخىرلاشقان بۇ يىغىندا جەمئىي 24 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سۆز قىلدى. ئۇلارنىڭ سۆز تېمىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىلھام توختى مەسىلىسى، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە مەركەزلەشتى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كۈتكىنىدىكىدىنمۇ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپ تېكىن ئەپەندىمۇ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مارى خولىزمان خانىممۇ يىغىنغا بولغان ئىجابىي باھالىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەيۋەندىن كېلىپ قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلار ھەم خىتاي ۋەزىيىتى توغرىلىق سۆز قىلغان ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىمۇ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن شېڭ شۆ خانىممۇ بۇ يىغىنغا يۇقىرى باھالار بېرىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارادا تونۇتۇش بىلەن بىرگە، خىتاي خەلقىگىمۇ تونۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالدى. خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى ھەم يىغىننىڭ نەتىجىلىك بىر يىغىن بولغانلىقىدىن كۆپ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-12122016143909.html

Share
1271 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.