logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ناملىق يىغىن ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار

 

15385279_1460209134020202_3742529082425222419_o-2

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى »ناملىق يىغىندا ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تۈرلۈك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

12 – دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى »ناملىق يىغىنغا 80 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىدى. بىز يىغىن ئەسناسىدا ۋە يىغىندىن كېيىن، بىر قىسىم تونۇلغان شەخسلەرنىڭ يىغىن ھەققىدىكى باھالىرىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بولغان قاراشلىرىنىمۇ بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

ئۇلرىك دېلىيۇس: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھامان بىر كۈنى دىئالوگقا تاقىشىدۇ

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئىلھام توختىنى، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلىرىنى، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋىئاباتلىرىنى مۇشكۈلاتتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى. ئىلھام توختى ئۇيغۇر – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى قانلىق توقۇنۇشلاردىن خالى ھەل قىلىشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى ھەقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دىئالوگنى باشلىغان ئىدى. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، ئەركىنلىكىنى قۇربان قىلدى ۋە ئۆمۈرلۈك قاماققا بەنت بولدى. بۇ ھال، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتسىزلىكتە قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۇنيانىڭ خىتاينى ۋە ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشىگە بۇنىڭدىن ئارتۇق دەلىل لازىم ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى قايسى شەكىللەردە داۋام قىلمىسۇن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھامان بىر كۈنى خىتاي بىلەن دىئالوگ قۇرىدىغان بىر نۇقتىغا كېلىپ تاقىشىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، خىتاي بۇنىڭغا مەجبۇر قالىدىغان بىر ۋەزىيەتكە چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىئالوگقا ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. چۈنكى، تىنچلىق شۇئارى ئاستىدىكى كۈرەش، خەلقئارادا قوللاشقا ئاسان ئېرىشىدۇ. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى مەزمۇنىنىڭ موللىقى، ئىلمىيلىكى بىلەن كىشىلەردە ياخشى تەسىرات قالدۇردى، دەپ ئويلايمەن».

شېڭ شۆ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلۇشىنى ئەسلا خالىمايدۇ

خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىللىرىدىن بىرى شېڭ شۆ خانىم مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ زور كۈچ بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەلۇماتلارنى قامال قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلىشىنى ئەسلا خالىمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز سىرتقى دۇنياغا تونۇلىشىنى چەكلەپلا قالماي، خىتاي خەلقىگە تونۇلىشىغىمۇ چەك قويىدۇ.  مەن نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنى بىلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن دۇنيانىڭ يېتەرلىك خەۋىرى يوقلىقىنى كۆردۈم. تېخى بۈگۈنلا ئايروپىلاندىن چۈشۈپ، مېنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چىققان ئىككى نەپەر گېرمان ئوقۇغۇچىغا <ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلدىم> دېسەم، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. دېمەكچى بولغىنىم، ئىلھام توختى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تونۇلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى. چۈنكى، ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى باراۋەرلىك، تىنچلىق بولدى. بۇ بولسا، دۇنيانىڭ ھازىرقى ئارمانلىرىغا ماس كېلىدۇ. ئىلھام توختى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمىدى ياكى تېخىمۇ يۇقىرى بىر ئاپتونومىيەلىك ھەق سورىمىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلدى. بۇ، خىتايدا تېنىچ شەكلىدىكى دېموكراتىك كۈرەشنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ دېگەنلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا شەكىللەردىكى قارشىلىقلىرىغا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزى زېمىن ھازىرلاپ بەردى، دېگەنلىكتۇر. ئىلھام توختى مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكال قارشىلىقلىرىغا ئەڭ ياخشى ئىزاھات بولىدۇ».

germaniye-ilham-toxti-uyghur-kishilik-hoquq-2.jpg

ئەركىن ئالىپتېكىن: خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېنىچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇنىمايدۇ

ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى 12 – دېكابىردىكى يىغىندا قىلغان سۆزلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ 2015-يىلى تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر توپلىمىدا يازغانلىرىغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا بارغانسېرى ئۇلغىيىۋاتقان ئۇرۇش-جېدەللەرنى خىتاي ئاساسى قانۇنىدا كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان ”ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇش“ ھوقۇقىنى تونۇش ئارقىلىق، تىنچلىق يوللىرى بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن. چۈنكى، كېيىنكى يىللاردا بەزى بىر خىتاي ئالىملىرىمۇ، خىتاي يولباشچىلىرىنى بۇ توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ ماقالىلەر يازغان ئىدى. ئۇلارنىڭ يېزىشىچە، ئەگەر خىتاي يولباشچىلىرى ھازىرقى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك بىر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا، بۇ قوزغىلاڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىداش بولغان 7 دۆلەتكە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالىمۇ بار. بۇنداق بىر سىياسىي تۇراقسىزلىق، خىتاي باشتا بولۇپ، پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ھاياتىغىمۇ سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇ جىددى كېلىشىمسىزلىكلەرنى تىنچلىق يوللىرى بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى، ئۇنى بۆلگۈنچىلىك قىلغانلىقتا  ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىشنىڭ دەسمىسى سۈپىتىدە قوللاندى. ئىلھام توختى ئەپەندىمگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھىچ بىر زامان تىنچلىق يوللىرى بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇنىمايدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق بىر دەلىلىدۇر».

ئۇرسۇلا گوتىيېر: خىتاي ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھەقىقەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورقۇدۇ

فرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم باۋارىيە پارلامېنتىدىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئاخباراتنى قايسى دەرىجىدە قامال قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىگە دەرىجىدىن تاشقىرى قارشى ئىكەنلىكىنى دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدى.

ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن «باي ۋەقەسى» ھەققىدە يازغان ماقالىسى سەۋەبلىك 2015 – يىلى 31 – دېكابىر خىتايدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ئۇرسۇلا خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: « ھازىر خىتايدا ئاخباراتقا بولغان قامال قىلىش ئىنتايىن كۈچلۈك. پۈتۈن خىتايدا ئاخبارات قامالى مەۋجۇد. ئەمما ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى بۇ رېجىم باشقا ھىچ يەردىكىگە ئوخشىمايدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تىلغا ئېلىنىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا يۈز بەرگەن ھەقىقەتنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن شۇنچىلىك قورقۇدۇ. بەختكە يارىشا، خىتاي قانچە ئەنسىرىگەنسېرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارادا شۇنچە تونۇلۇپ بېرىۋاتىدۇ. ئىلھام توختىنىڭمۇ بۇنىڭغا قوشقان بىر ئۈلۈش ھەسسىسى بار. خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ھەرىكىتىنى جىددىي قانات يايدۇرۇش لازىم. خىتاي بىلەن بولغان ئاخبارات كۆرىشىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ كېرەككە كېلىدىغان قورالى بولسا؛ ئىلھام توختى مەسىلىسىدۇر».

مارى ھولىزمان: كوممۇنىزم تەشۋىقاتىغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش ۋەزىپىمىز بار

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان فرانسىيەلىك خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم مۇنداق دەيدۇ: « ئايرىم بىر مىللەت بولغان ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ خەلقنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى قانداق قىلغاندا كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، ئىلھام توختى مەسىلىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ يوللىرى قايسىلار، ئۇيغۇرلارنى كوممۇنىستىك رېژىمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن زادى نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىشىمىز لازىم. خىتاي ھاكىمىيىتى زۇلۇم قىلىپلا قالماي، قىلغان زۇلۇمىنى جېنىنىڭ بېرىچە يوشۇرىدۇ. ھەممىدىن خەتەرلىكى، كوممۇنىزم تەشۋىقاتى. كومپارتىيە ئۆز ھاكىمىيىتى ۋە زوراۋانلىقلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، كوممۇنىزم تەشۋىقاتى بىلەن خەلقنى زەھەرلىمەكتە، ئالدىماقتا. بىزنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىمەنە كوممۇنىزم تەشۋىقاتىغا قارشى چەتئەللەردە تەشۋىقات كۈرەشلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىش ۋەزىپىمىز بار. ئىلھام توختى مەسىلىسى بۇ كۈرەش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر ۋاسىتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-12142016223937.html

Share
1944 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.