logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ناملىق يىغىن ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار

4880ffac-df05-4620-a62b-6f5ff416b2a1

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» ناملىق يىغىندا دىققەتكە سازاۋەر پىكىرلەر ۋە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

12-دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» ناملىق يىغىندا يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مارگارىتا باۋزېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن 24 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سۆز قىلدى. بۇنىڭ ئالتە نەپىرى ئۇيغۇر، 18 نەپىرى چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىدۇر. يىغىن ئەھلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىننىڭ ئېنىق بىر ئالاھىدىلىكى، ئەمەلگە ئاشىدىغان تەكلىپ پىكىرلەر ۋە پىلان-پروگراممىلار كۆپ بولۇشتىن ئىبارەت.

مارى ھولىزمان: ئىلھام توختى كۈچلۈك خەلقئارالىق ھىمايىگە ئېرىشىدۇ

فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان پروفېسسور مارى ھولىزمان خانىم بۇ نۇقتىنى ئالدى بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگۈچىلەردىن بىرىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىمقى يىغىنغا ھەممىلا كىشى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى. ھە دېسىلا ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئىلھام توختىغا ئازادلىق، دەپ قۇرۇق شوئار توۋلايدىغان ئىشلار كۆرۈلمىدى. بەلكى، قانداق قىلغاندا ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەسسە قوشالايمىز، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقارالاشتۇرالايمىز، قانداق قىلغاندا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن خەلقئارالىق بېسىملارنى يەنىمۇ كۈچەيتەلەيمىز… دېگەندەك ئوبيېكتىپ مەسىلىلەر، پىكىرلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىنغا قاتناشقان ئىلىم ئادەملىرى ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولغاچ، كېلەچەكتىكى ئەمەلىي قەدەملەر ئۈچۈن ھۇل سېلىندى. مېنى بەكرەك مەمنۇن قىلغىنى مانا بۇلار. ئىلھام توختى كېلەچەكتە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھىمايىگە ئېرىشىدۇ.»

مارگارىتا باۋزې: خىتاي بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىمىزغا چىدىيالمايدۇ

گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيەدىكى رەئىسى مارگارىتا باۋزې خانىم 12-دېكابىر «ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» ناملىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، گېرمانىيەدىكى پارتىيە، گۇرۇھلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشى، ئۇيغۇرلارنى قوللىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاقەت قىلالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھىمايىمىزدىن ئىنتايىن بىئارام. ئۇلار گېرمانىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، گېرمانىيەدىكى پارتىيە، گۇرۇھلارنى ئۇيغۇرلاردىن يىراق تۇرۇشقا دەۋەت قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى؛ خىتاي كونسۇلىنىڭ مېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىشىمنى توسۇشقا ئىنتىلگەنلىكىدۇر. بىراق پارلامېنتىمىز، 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئېچىپ كەلدى. بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشلىرىنى قوللاش بىزنىڭ بۇرچىمىز.»

ھاننو: ئىلھام توختى تەسىر يارىتالايدىغان ئوبرازدۇر

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بېرلىن تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ھاننو ئەپەندى ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئىلھام توختى قانچە كۈچەپ تەشۋىق قىلىنسا، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە تونۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىلھام توختى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قانۇنسىز ھالدا قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان بىر زىيالىيدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز قانۇنلىرىغا تامامەن زىت شەكىلدە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلغان ئىلھام توختى، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە زور تەسىر يارىتالايدىغان ئوبرازدۇر. كىشىلەر ئۇنىڭ خۇسۇسىي ھېكايىسىدىنلا، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كارتىنىسىنى كۆرەلەيدۇ. ھازىر ئۇنىڭ رادىكال كۈچ ئەمەسلىكى، بۆلگۈنچى ئەمەسلىكى، مۇستەقىلچى ئەمەسلىكى تونۇلدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئۆكتىچى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە، باراۋەرلىككە، تىنچلىققا بولغان قەلب سادالىرىنىڭ بىر ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تىپىك دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشىمىز لازىم. بۇنىڭ بىلەن، دۇنيا جامائىتى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلاش ئىمكانىغا ئېرىشىدۇ.»

لۇيىسا: ئىلھام توختىغا ئائىت ئۈن، سىن، كىتاب نەشر قىلىشنى كۈچەيتىش لازىم

ئامېرىكا ن ئە د نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان لۇيىسا خانىم سۆزىدە، خەلقئارادا ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىلھام توختىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئەمەلىي ۋاسىتىلەر بىلەن كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىل مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ۋە ساخاروۋ مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشى، ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى. ئىلھام توختىغا ئائىت سىن فىلىملىرى، ئۈن فىلىملىرى ۋە يازما ئەسەرلەرنى كۆپلەپ نەشر قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تونۇلۇشىغا ھەسسە قوشىدۇ.»

لياۋ تيەنچى: ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل ياشاش ھوقۇقى بار

خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لياۋ تيەنچى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مىللىتىنىڭ نامىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە پەيدا بولۇۋاتقان پاجىئەلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر خىتاي بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتتىق نومۇس قىلىدىغانلىقىنى ھەم بىئارام بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقتۇر بىر زۇلۇم ياكى پاجىئەلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا، بىئارام بولۇپ ئولتۇرالماي قالىمەن. ئۇيغۇر مىللىتى بۇ زۇلۇمنى خىتاي مىللىتىدىن كۆرىدۇ ۋە شۇنداق قاراشقا ھەققى بار. بىراق، بۇ زۇلۇمنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى خىتاي مىللىتىنىڭ نامىدا يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلار ئىچىدە خىتاي خەلقىمۇ بار. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مىللىتى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ تۇرۇپ جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. خىتاي مىللىتىنى بۇ جىنايەتلەرگە شېرىك قىلىۋېلىۋاتىدۇ. مەن بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ياشىشىنى قوللايمەن. بۇ ئايرىلىش سابىق چېخ-سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى، سابىق يۇگوسلاۋىيە، شوتلاندىيەدىكىگە ئوخشاش تىنچ شەكىللەردە ئەمەلگە ئاشسا ياخشى بولاتتى. ئەمما مۇستەبىت كوممۇنىستىك پارتىيە بۇنىڭغا يول قويمايدۇ.»

12-دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ مۇقەددىمىسىدە، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى باربارا لوخ خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا بولغان ئاۋازلىق تەبرىكنامىسى ئاڭلىتىپ ئۆتۈلدى. يىغىن ئارىلىقىدا يەنە، ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر توختىنىڭ تەبرىك سۆزىمۇ ئېكراندا كۆرسىتىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-12132016140619.html

Share
1161 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.