logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى يەنە بىر قېتىم دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى

7869bbda-694f-49a4-9831-eea14f8150e3

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ياۋروپا پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىللىق ساخاروۋ مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن 3 نامزاتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى يەنە بىر قېتىم تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئىلھام توختىنى ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش تەشەببۇسىنى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ ياشۈئې خانىم، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى دوستلىرىدىن خۇ جىئا ئەپەندى ۋە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزلىرى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى. ئۇلار يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ پروگراممىسىدا بولسۇن.

2016-يىلى 15-سېنتەبىر كۈنى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ساخاروۋ مۇكاپاتىغا رەسمىي نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىللىق ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئۈچىلىسى تۈركىي مىللەتلەردىن بولۇپ، ئۇلار قىرىم تاتارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە سىياسەتچى مۇستافا جېمىلوۋ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى ۋە تۈركىيەلىك ژۇرنالىست جان دۈندار قاتارلىق ئۈچەيلەندىن تەركىب تاپقان.

بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن خۇ جىيا ئەپەندى، 19-سېنتەبىر ئەتىگەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن 2016-يىللىق ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىك خەۋىرىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى ۋە ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جىيا مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىنىڭ يېقىن دوستى ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكى سەپداشلاردىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تىنچ يول بىلەن تەلەپ قىلغان ۋە بۇ سەۋەبتىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىچىدە ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق شەخس دەپ قارايمەن» دېدى.

2008-يىلى خىتايدا ئېچىلغان ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 3 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خۇجىيا ئەپەندى تۈرمىدىكى مەزگىلىدە ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

خۇ جىيا ئەپەندى ئۆزى ئەينى چاغدا ئۆزى بېيجىڭدا تۈرمىدە ياتقان مەزگىل ۋە شارائىت بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ، ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ تەقىب ئاستىدا تۇرۇۋاتقان، ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم ئىچىدە بېيجىڭدا تەسلىكتە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان گۈزەلنۇر ۋە ئىككى نارەسىدە ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ بۇنداق دېدى.

«شۇنداق، مەنمۇ ئىلھام توختىغا ئوخشاش سىياسىي مەھبۇس بولۇشتەك قىسمەتنى بېشىمدىن كەچۈردۈم. 2008-يىلى مەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش› جىنايىتى ئارتىلىپ، قاماققا ھۆكۈم قىلىندىم. تۈرمىدە ياتقان مەزگىلىمدە ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدىم ۋە ماڭا بۇ مۇكاپات بېرىلدى. ئەمما ماڭا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق پىكرىنى بىلدۈرگەن ئىلھام توختىغا بولسا ‹ دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك› جىنايىتى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق قازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئەينى چاغدا يەنى 2008-يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلى بولغانلىقى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايدا بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك، دائىرىلەر مېنى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 3 يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بەردى. قاماقتىكى مەزگىلىمدە، ئۆيۈمدىكىلەر بىلەن ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشەتتىم. شۇ بىر ئايمۇ ماڭا شۇ قەدەر ئۇزۇن بىلىنەتتى. ئەمما ھازىر ئىلھام توختى ھەر 3 ئايدا ئاران بىر قېتىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە. دائىرىلەر يەنە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەر خىل بېسىملارنى قىلىپ، تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن چەكلەۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى بىز بىلمەيمىز. ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇر ھەر خىل سىياسىي بېسىم ۋە تەقىب قىلىش ئىچىدە ياشىغاندىن سىرت ئىقتىسادىي جەھەتتىن قاتتىق قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىككى ئوغلى بىلەن تەسلىكتە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئەھۋالغا جىددىي دىققەت قىلىشى، ۋە ئىلھام توختىنىڭ بۇ خىل ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.»

ئىلھام توختى ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئەمما ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يۇرتى ئاتۇشقا كەتكەن ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر يېقىندا بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەن، ۋە يازلىق تەتىل مەزگىلىدە بالىلارنى ئېلىپ ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىگە بېرىپ ئىلھام توختىنى يوقلىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ئىلھام توختىنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى كەيپىياتىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى ۋە كۆرۈشۈش ۋاقتىنىڭ بىر سائەت داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما گۈزەلنۇر ئىلھام توختى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك سۆزلەشتىن ئېھتىيات قىلغان. بۇ كىشى يەنە ئىلھام توختىنىڭ ئاتۇشتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئېغىر سىياسىي تەقىب ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەتتا تۇتقۇن قىلىنىش قىسمىتىگە يولۇققانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇندىن 9 ئاي ئىلگىرى ئىلھام توختىنىڭ جىيەن قىزىنىڭ تېلېفونىدا تاغىسى ئىلھام توختىنىڭ رەسىمى بايقىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ، نۆۋەتتە دائىرىلەر تەرىپىدىن سوتلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنى ساخوروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش تەشەببۇسىنى بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئەڭ دەسلەپ ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ ياشۆ خانىم ۋە ئامېرىكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تىبەتشۇناس ئېللىئوت سپېرلىڭ ئەپەندى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ يىل ئەتىيازدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەسمىي قارار ماقۇللاپ، گېرمانىيەدىكى ئەنۋەرجان ئەپەندى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا «ئىلھام توختىنى ساخاروۋ مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغان ئىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ساۋ ياشۆ خانىم رادىئومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش خىزمىتىگە كىرىشكەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.

«مەن ئىلھام توختىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ ئۇيغۇر بىز تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدىن تونۇغان ۋە ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم ۋە ھۆرمىتىم ئاشقان ئىدى. شۇڭا 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىمدا كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى. 2014-يىلى9-ئايدا ئىلھام ئەپەندىگە ئاتالمىش‹دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش› جىنايىتى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغىنىدا مەن ئىلھام توختى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش، ئۇنىڭ تۆلەۋاتقان بەدەللىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ئۆز بۇرچۇم دەپ بىلدىم. شۇڭا ‹خىتايدىكى ئۆزگىرىش› تورىدا ئەڭ دەسلەپ ئىلھام توختى ئەپەندىنى ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم كېيىن ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن دوستلار بۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ‹ئىلھام توختىنى ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش› گۇرۇپپىسى مەخسۇس قۇرۇلدى. ئۆتكەن ھەپتە ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن 2016-يىللىق ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ 3 نامزاتىنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىپ، ھەممىمىزنى خۇشال قىلدى. ئەلۋەتتە مەن بۇ خەۋەردىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم. ئىلھام توختىنىڭ ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شەرەپ دەپ قارايمەن.»

ساخاروۋ مۇكاپاتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا پارلامېنتىغا ئەزا دۆلەتلەر 11-ئۆكتەبىر كۈنى 3 نامزات ئۈستىدىن بېلەت تاشلاپ، مۇكاپات ساھىبىنى بەلگىلەپ چىقىدۇ. نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر مۇكاپاتنى كىمنىڭ ئالىدىغانلىقىغا قىزىقماقتا. 2016-يىلى 15-سېنتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ۋە تەرەققىيات كومىتېتى تەرىپىدىن ساخاروۋ ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىكۆرسىتىلگەن قالغان ئىككى نەپەر نامزات تۈركىيەلىك ژۇرنالىست جان دۈندار ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە سىياسەتچى مۇستافا جېمىلوۋ بولۇپ، بۇ قېتىم كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنىڭ ئۈچىسىنىڭلا تۈركىي مىللەت بولۇشىمۇ ئالاھىدە بىر دىققەت قوزغىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09192016151458.html

 

Share
1412 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.