logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى.

باش شتابى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قىسىم تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى بولغان ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتتى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئىنگرېد خانىممۇ ئىلھام توختىنى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى سانالغان ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش ئىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىللىق ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىغا نائىل بولۇشىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئىلھام توختىنى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى بولغان ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈشنى ئىلتىماس قىلىپ ياۋروپا كېڭىشىگە ئىلتىماسلار سۇندۇق. بۇ مۇكاپات بۇ يىل ئۆكتەبىر ئايلىرىدا فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا تارقىتىلىدۇ. بۇ مۇكاپات چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېل نامىغا تەسىس قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىدۇر. بىز ئىلھام توختىنى بۇ مۇكاپاتقا ئەڭ لايىق نامزات، دەپ قارايمىز. بۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بۇ ئىلتىماسقا ئىمزا قويدۇق. ئىمزا قويىدىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىشى مۇمكىن. ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن يىلى ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر زىيالىيسى پروفېسسور ئىلھام توختىنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان ساخاروۋ مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىپ، ساخاروۋ مۇكاپاتىنىڭ تاللانغان ئاخىرقى تۆت نامزاتى قاتارىغا كىرگۈزگەن. ئىلھام توختى ئەپەندىم ئۆتكەن يىلى يەنە «مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىدى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى ۋە خەلقئارالىق ھىمايىلەرنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، 2013-يىلى تەسىس قىلىنغان ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىنىڭ تارىخى ھەققىدە چۈشەنچىلەر بەردى. ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىنىڭ ماددىي ھەم مەنىۋى قىممەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇندىن ئىلگىرى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۆت كىشىنى تىلغا ئالدى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە ئىلھام توختىنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا لايىق تەرەپلىرىنى ئىزاھلاپ، بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ۋە ئۇيغۇر جامائىتىدىن بۇ ھەرىكەتنى قوللاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى ئۆز تور بېتىدە ئىلھام توختىنى ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشنى قوللاش پائالىيىتى باشلاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار كەڭ تارقالماقتا.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى 2016-يىلى 26-ئاپرېل بېرلىندا رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ تەشكىلات 2016-يىلى 5-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىلھام توختى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرغان ئىدى. 2016-يىلى 12-دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا «ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» تېمىسىدا خەلقئارالىق يىغىن ئېچىپ تەسىر قوزغىغان. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەقسىتى قاماقتىكى ئىلھام توختىنى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئالىي مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتۈرۈش ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-05022017132120.html

Share
1844 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.