logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ھەققىدە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ئىلھام توختىنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى مۇراجىئەت قىلىمىز» سەرلەۋھىلىك مۇراجىئەتنامىدە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، تەيۋەن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىدىن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ھاياتىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈش تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر مۇراجىئەتنامىدە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ياۋروپا بىرلىكى ۋە تەيۋەن ھۆكۈمىتى قاتارلىقلاردىن نۆۋەتتە خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن «شەرقىي تۈركىستان» دا كۆپلىگەن ئىلىم ئادەملىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ھاياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا يەنە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىدىن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى تەلەپ قىلىنغان.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بۇ مۇراجىئەتنامە تۋىتتېر، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىپ، تورداشلارنىڭ ئىمزا قويۇشى تەلەپ قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇراجىئەتنامە 27-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان خىتاي، تۇڭگان، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرى بولۇپ، 50 كە يېقىن كىشى ئىمزا قويغان.

ئامېرىكىنىڭ جورجىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنى يېزىشقا قەلەم تەۋرەتكەنلەرنىڭ بىرىدۇر. سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ۋە ئۇنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەتلەر ھەققىدە توختالدى.

سۇلايمان يىگۇ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنى يېزىش پىكرىنى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئاۋسترالىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋۇ لېباۋ ئەپەندىدۇر. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ئاتالمىش ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا لاگېرلاردا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى كۆپلەپ خەۋەر قىلىنماقتا. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ‹بۆلگۈنچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق› بىلەن ئەيىپلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما تۈرمىدىكى ئەھۋالى خەلقئارادىن يوشۇرۇن تۇتۇلۇۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىمۇ كۈچەيتمەكتە. شۇڭا بىز مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنى ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەردىن ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدۇق.»

سۇلايمان يىگۇ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مەزكۇر مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ شەرتىنى ئېنىق قىلىپ، «خىتايدىن ۋە خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن، يەنى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن زىيالىيلارنىڭ ئىمزا قويسا بولىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر تۈركۈم تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۇلارغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى يەنە مەزكۇر مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئاساسەن خىتاي ۋە بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىن غەرب دۆلەتلىرىگە كېلىپ ھەر خىل ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيالىيلار ھەمدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «ئىلھام توختىغا ئوخشاش خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا تونۇلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىلىم ئادەملىرىنىڭ ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىشى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىدىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ كۆرسەتتى.

مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغۇچىلار ئىچىدە يەنە ئەنرەن تەخەللۇسىدىكى تۇڭگان شائىر سۈي خاۋشىن ئەپەندىمۇ بار ئىكەن. ئۇ تېخى يېقىندا غەرب تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى تۋىتتېر قاتارلىق تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىشى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى بايانىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەقىپى ئاستىدىكى شائىر ئەنرەننىڭمۇ ئىمزا قويغانلىقىنى ئۇنىڭ ھەققانىيەت مەيدانىدا تۇرغانلىقى دەپ مەدھىيەلىدى.

بىز ئەنرەن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تېلېفونى ئېلىنمىدى.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەر جان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئىمزالىق خەتنى «خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشتە دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىنغان، ئەھمىيىتى زور بولغان بىر مۇراجىئەتنامە» دېدى.

ئەنۋەر جان ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ۋە بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن كەلگەن، كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان زىيالىيلار نامىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۈزلۈكسىز زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتتە ئېلان قىلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ ئىلھام توختىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ تۈرمىدىكى شارائىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنىڭغا «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتىنى ئارتىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغاندىن بۇيان، ئىلھام توختىغا «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارالىق مۇكاپاتلار بېرىلدى. ئۇ يەنە «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى»، «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» قاتارلىق مەشھۇر خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى. خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىلھام توختى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلىپ كەلمەكتە.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-08302018232816.html

Share
21824 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.