logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا قويۇلدى

el-profesor-ilham-tohti-en-su-casa

ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم، 24-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن 11-گىچە ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى رايبۇرن سارىيىدا قويۇلدى.

فىلىمنى قويۇش ۋە فىلىمدىن كېيىنكى مۇزاكىرە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. فىلىم ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» ناملىق تەشكىلات تەرىپىدىن ئىشلەنگەن، فىلىم قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى يا شۆچاۋ خانىم ئىلھام توختى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

پائالىيەتتىن كېيىن يا شۆچاۋ خانىم، رادىئومىز نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «مەزكۇر فىلىمدا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى بايانلىرى، تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى تۈرمىدىكى ئەھۋالى ۋە ئائىلىسى نۆۋەتتە يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋاللار ئىپادىلەندى. مەن فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن بەرگەن دوكلاتىمدا،“ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا كۆكرەك كېرىپ چىققان بىردىن‏-بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىكەنلىكىنى، ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتالايدىغان بۇ ئاۋازنىڭ ئۆچۈشى بىلەن خەلقئارادا پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت بىرلا مەنبەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىغا تايىنىشقا مەجبۇر بولىدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە جىددىي قاراشقا چاقىرىق قىلدىم» دېدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-11242015170018.html

Share
1404 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.