logo

trugen jacn

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى: ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى تورىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدا خىتاينىڭ قولى بار

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى تور بېكىتىنىڭ بىر مەسئۇلىنىڭ 6-ئۆكتەبىر، يەنى دۈشەنبە كۈنى رادىيومىزنىڭ خوڭكوڭ بۆلۈمى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ۋېيمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق» باش بېتى 3‏-نويابىر كۈنى تور بۇزارلارنىڭ قايتا-قايتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭ بىلەن 2017‏-يىللىق «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىلھام توختى قاتارلىق مۇكاپات ساھىبلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى غايىب بولغان.

مەزكۇر تور بېكەتتە بۇ يىل 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدا 2017‏-يىللىق «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

رادىيومىز مۇخبىرىغا «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» تور بېكىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش دەپ بىلدۈرگەن ۋېيمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل خادىمى، تور ھۇجۇمىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، گەرچە ھازىرچە ھۇجۇمنىڭ كىم تەرىپىدىن ۋە قەيەردىن كەلگەنلىكى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدا خىتاي بار دەپ گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ مەسئۇلى جوخان، تور بېكىتىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدىن بۇيان خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، تور بېكىتىدىكى 3 يىلدىن بۇيان يىغىلغان ماتېرىياللارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە 7-ئاي مەزگىلىدە مەزكۇر ئورگانغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنى خىتاي كونسۇلخانىسى خادىمى دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئايالنىڭ ئىلھام توختىنى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا كۆرسەتمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، «خىتايدا ئۆزگىرىش» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ساۋ ياشۆ ۋە باشقا بىر قانچە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى شۇنىڭدەك خىتاينى كۆزەتكۈچىلەر بىردەك تور ھۇجۇمىدا خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن ئىلھام توختى 2014-يىلى 1-ئايدا بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى-9 ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتتا دۆلەتنى پارچىلاش قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلىپ مۇددەتسىز كېسىلگەن ئىدى. ھازىر ئۈرۈمچىدىكى 1-تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىلغام توختى ئەپەندى، 2017‏-يىللىق «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى بولغاندىن باشقا، خەلقئارانىڭ داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غىمۇ ئېرىشكەن.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل يەنە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ھەمدە ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىپ، ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ تاللانغان ئاخىرقى تۆت نامزاتى قاتارىغا كىرگەن ھەمدە 2016-يىلى «مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتى» غىمۇ ئېرىشكەن ئىدى.

ۋېيمار شەھىرىنىڭ 2017‏-يىللىق «كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى 10‏-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن گېرمانىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى مۇكاپات تاپشۇرۇۋالىدىكەن.

ئىلغام توختىنىڭ «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ بىر قاتار خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا كۆرسىتىلىشىدە گېرمانىيەدە قۇرۇلغان «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ ئالاھىدە رولى ئويناپ كەلگەن. بۇ گۇرۇپپىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تور بۇزارلىرىنىڭ «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» تور بېكىتىگە قاراتقان ھۇجۇمى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش بولسىمۇ، بۇ ۋەقە ئەكسىچە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىگە بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىكەن.

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئىلھام توختىنىڭ لايىق كۆرۈلۈشى خىتاينى بىئارام قىلغىنى ئۈچۈن بۇ تور ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، «ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ ۋە ھىمايە قىلىنغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى بىر سىگنال. بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئۈچۈن شەرەپ، خىتاي ئۈچۈن نومۇس،» دېدى.

ۋېيمار شەھەرلىك پارلامېنتى بۇ يىل 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدا بىردەك قارار ماقۇللاپ، 2017‏-يىللىق «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ۋېيمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مەزكۇر مۇكاپات ئىلھام توختىنىڭ تىنچلىق ۋە دىئالوگ چاقىرىقىنى ياڭرىتىپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/tor-buzar-11082017142224.html

Share
2154 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.