logo

trugen jacn

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى رەئىسى ئەنىۋەرجان باشچىلىقىدىكى بىر بۆلەك كىشىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى رەئىسى ئەنۋەرجان، فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس پروفېسسور مارى خولىزمان ۋە ئامېرىكىدىكى «خىتايدا ئۆزگىرىش» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ساۋ ياشۆ قاتارلىقلارنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىككى كۈن يىغىن ۋە ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، جۈملىدىن ئىلھام توختى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تېرىشقان.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قېيىن ۋەزىيىتىنىڭ سۆھبەت تېمىسى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان «خىتايدا ئۆزگىرىش» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ساۋ ياشۆ بولسا، ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۆتكەن يىلى 43 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئىلھام توختى ساخاروف مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا تاللانغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلھام توختى ياۋروپا پارلامېنتىدا تېخىمۇ كەڭ چۈشىنىشكە، قوللاشلارغا ئېرىشتى. بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتىمىز ئاساسلىقى مۇنداق بىر مەقسەتتە بولدى؛ خىتايغا تەۋە بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنىگە 10 يىل بولاي دەپ قالدى، يەنى 2008-يىلى ساخاروف مۇكاپاتى بىر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە بېرىلگەن. ئەمدى يەنە بىر قېتىم خىتايدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە بۇ مۇكاپاتنى بېرىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. بىز ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا بۇ مۇددىئايىمىزنى بىلدۈردۇق ۋە ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئەڭ لايىق نامزات بولغانلىقىنى تونۇتتۇق.»

فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس مارى خولىزمان خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتلىرى جەريانىدا، پارلامېنتنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. مەن ھەمكارلاشقۇچىلىرىمدىن ئەنىۋەرجان، ساۋ ياشۆلەر بىلەن بىرگە ياۋروپا پارلامېنتىدا تۈرلۈك يىغىنلارغا قاتنىشىۋاتىمەن ۋە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولۇۋاتىمەن. كونا-يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىغا كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. ئىلھام توختىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقانلىقىمىزنى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقىنى ئېيتىۋاتىمىز. پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن قانداق قىلغاندا خىتايدىكى ناچار ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقى ۋە قانداق قىلغاندا ئىلھام توختىنى ئازاد قىلغىلى بولىدىغانلىقى مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بىز ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك ئىستەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. ئەمما تىرىشچانلىقلىرىمىز تېخى نەتىجە بەرمىدى. قىلىدىغان ئىشلىرىمىز يەنە بار. بىز پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كاللىسىغا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشقا تېرىشىۋاتىمىز. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇ ئىشقا سۆرەپ كىرىش ئۈچۈن ئالاقىلەر ئورنىتىۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيەلىكلەر، گېرمانلار، ئىتالىيانلار، بۇلغارلار، رۇمىنىيەلىكلەر بار. يەنى، كىملەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئىمكانىمىز بولسا، شۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ مەسىلىمىزنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. بىز جىق ئىشلارنى قىلىشقا تېرىشتۇق. بۇ مۇھىم خىزمەتنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى، بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنتى زىيارىتى جەريانىدا يەنە، مەخسۇس يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، كېلەچەكتە ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك پائالىيەتلەرنىڭ مۇزاكىرىسىنى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ ئىككى كۈنلۈك پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى تىلغا ئالدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-06082017164757.html

Share
2050 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.