logo

trugen jacn

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى ئانجىلا مەركىلدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى

1735482962hinainoritycholar0c373

 

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىلگە خەت يېزىپ، گ20 يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل خانىم خىتاينىڭ ساھىپخانلىقىدا يېقىندا خاڭجۇ شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا مېڭىشتىن ئىلگىرى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى تەشكىلاتى نامىدىن ئالاھىدە خەت يېزىپ، مەركىل خانىمدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇمكى، 31 – ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتلىرى بىرلەشمە خەت يېزىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ۋەكىللىرىدىن يىغىنىدا كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى خېتىدە، مەركىل خانىمنىڭ ئىلگىرى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيىتقان ھەمدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئۇنىڭ سەمىگە سالغان.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىدە نىسپەتەن ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەن بولۇپ، گەرچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىم ۋە زۇلۇملىرى زور دەرىجىدە ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ھەر قېتىم مەركىل خانىم بىلەن خىتايغا بارغاندا ياكى خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان قانۇن دىئالوگىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

ئەنۋەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى يەنە، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا مەركىل خانىمغا خەت يېزىپ، مەركىل ئىشخانىسىنىڭ جاۋابىغىمۇ ئېرىشكەن.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى 2016 – يىلى 26 – ئاپرىل بېرلىندا رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ تەشكىلات ماي ئايلىرى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئىلھام توختى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرغان ئىدى. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسىتى قاماقتىكى ئىلھام توختىنى ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئالىي مۇكاپاتى بولغان ساخاروۋ مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرۈش ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا تېرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/ilham-toxti-germaniye-g20-09022016185203.html1735482962hinainoritycholar0c373

Share
1450 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.