logo

trugen jacn

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنىۋەرجان خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى

9c1c6361-926c-4215-b24d-8143aa3a2ac5

بۇ يىل ئەتىياز مەزگىلىدە گېرمانىيەدە قۇرۇلغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى، رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىلھام توختىنى 2016-يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى ئىلھام توختىنى 2016-يىللىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئىلھام توختىنى ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا كۆرسىتىشكە چەتئەللەردە ۋە خىتاي ئىچىدە تونۇلغان خۇ جيا، ۋاڭ لىشيۇڭ، ياڭ جيەنلى ۋە باشقا بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى، دېموكراتىك زاتلىرى، يازغۇچىلىرى، مۇخبىرلىرى ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان

DSC_0285-1024x576

ئەنىۋەرجان ئەپەندى سۆزىدە، تېخىمۇ كۆپ خىتاي زىيالىيلىرىنى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. «خىتايدىكى ئۆزگىرىش تورى»نىڭ ساھىبى، ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي زىيالىيسى ساۋ ياشۈە خانىم ۋە ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبەت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ئېللوت سپرېلىڭ ئەپەندى، فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس مارى خولزمان، ئەنىۋەرجان ۋە باشقىلار بۇلتۇردىن باشلاپ ئىلھام توختىنى مەزكۇر مۇكاپاتقا كۆرسىتىش تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن ئىدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئىلھام توختى ۋە خەلقئارالىق ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بولغان قوللاشلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقى ھەم رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ «باربارا گولدسىمىس ئەركىنلىك مۇكاپاتى»، تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ «تۈرك ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، 2016-يىلى ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە مارتېن ئاننال مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-06302016155111.html

Share
1481 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.