logo

trugen jacn

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىدىكىلەر گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشتى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان بىلەن خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھاننو ئەپەندىلەر گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى.

بۈگۈن 1-مارت كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بىلەن خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھاننو ئەپەندىلەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار بۈگۈن ئىسمىنى مەتبۇئاتقا بېرىشنى خالىمىغان، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىراق شەرق ۋە خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ھەمدە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئازسانلىقلار مەسىلىسى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈپ، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقان.

ئەنۋەرجان ئەپەندى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى دۇنيادا كەڭ تونۇتۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىزاھلىغان.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بېرلىن تارمىقى مەسئۇللىرىدىن ھاننو ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا يەنە بىر قېتىم ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى بىلەن خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئېلىپ بارغان بۈگۈنكى سۆھبىتىدە، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى ئاساسىي تېما بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانى سانالغان ئىلھام توختىنىڭ ھەقسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە جىددىي ئىنكاسلار بىلدۈرۈشى زۆرۈرلۈكى، ئىلھام توختىنى خىتاي پايتەختىدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەپ، ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك نېمە ئىش بولسا، ئۇنى كېچىكتۈرمەي قىلىش كېرەكلىكى بايان قىلىندى.»

ئەنۋەرجان ئەپەندى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق بىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ خادىملارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرى ھەققىدە تىلغا ئالغانلىرىنى سەمىمىزگە سالدى. ئۇ سۆزىدە، ئىلھام توختى ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلگەن پائالىيەتلەردىن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چۈشەنچىلەر بەرگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنى خۇلاسە قىلىپ، ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا مۇھىم بىر تېما ھالىنى داۋام قىلدۇرۇشقا ھەرقاچان تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى بىلەن ھاننو ئەپەندىلەرنىڭ بۈگۈن گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىغا دائىر مەلۇماتنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-03012017141649.html

Share
1747 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.