logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ساخاروف مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا تاللاندى

 

15 – سىنتەبىر ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ قارارىغا بىنائەن، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ تاللانغانلىقى جاكارلاندى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بۈگۈن ياۋرۇپا پارلامېنتىدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 15 – سىنتەبىر كۈنى تۈرمىدىكى ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا تاللانغان 4 شەخس قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ياۋرۇپا پارلامېنتى تەرىپىدىن جاكارلانغان.
ilham-toxti-liksiyedin-burun.jpg

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇمكى، خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014 – يىلى 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 23 – سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. شۇندىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىغا خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ئىگە چىقىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى يولىدا تۈرلۈك شەكىللەردە مۇجادىلە قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن گېرمانىيەدىكى سىياسىي ئەرباب ئەنۋەرجان ۋە فىرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خىتايشۇناس مارى خولىزمان خانىملار 15 – سىنتەبىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋرۇپا پارلامېنتىغا بېرىپ، پارلامېنتنىڭ ساخاروف مۇكاپاتى نامزاتلىرىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنۋەرجان ئەپەندى، ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلھام توختىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى تەبرىكلىدى.

فىرانسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن مارى خولىزمان خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئىزھار قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەۋەردىن بىز ئىنتايىن سۆيۈندۇق. ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ مەنىسىمۇ ئىدىيە ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت. تاللانغان باشقا نامزاتلارغا قارىغاندا، ئىلھام توختىنىڭ بۇ ماكاپاتقا ئەڭ لايىق نامزاتلىقى مەلۇم بولماقتا. بىز بۇنى ئومۇمىي غەلىبە دەپ قارىمايمىز. 10 – ئاينىڭ ئاخىرى كىمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. سەمىمىيلىك بىلەن ئېيىتقاندا، بۇنى بىز كىچىك بىر نەتىجە ھېسابلىساق بولىدۇ. بىزنى خۇشال قىلىدىغىنى، ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى ئىلھام توختىنى تونىدى. ئۇنى بەك چۈشىنىپ كەتمىسىمۇ، ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا نامزات بولغانلىقى سەۋەبى بىلەن ئۇنىڭ كىم بولغانلىقىنى، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشكە باشلىدى. بىزنىڭ ئالدىمىزدا قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن خىزمەتلىرىمىز بار.»

مەلۇم بولغىنىدەك، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى 2016 – يىلى 26 – ئاپرىل بېرلىندا رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ تەشكىلات ماي ئايلىرى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئىلھام توختى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرغان. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسىتى، قاماقتىكى ئىلھام توختىنى ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئالىي مۇكاپاتى بولغان ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرۈش ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا تېرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا نائىل بولغىنىدىن كۆپ ھاياجانلانغانلىقىنى، بۇنى ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. مارى خولىزمان خانىم بولسا، ئىلھام توختىنى بۇ مۇكاپاتقا نامزات كۆرسىتىش ئۈچۈن ب د ت ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىغا كۆپ قېتىم قاترىغانلىقىنى، ئاز – تولا بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ نەتىجىدىن ھەقىقەتەنمۇ شاتلاندۇق ھەم غۇرۇرلاندۇق. ئەلۋەتتىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز – تولا بەدەلمۇ تۆلىدۇق. كۆپ قېتىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىغا بېرىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرگە خىزمەت ئىشلىدۇق. تەلىيىمىزگە، بىزنىڭ پىكىرلىرىمىزنى ئاڭلىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ئىلھام توختىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم مىللەت ۋەكىللىرى ئۆزلىكىدىن پارلامېنتتا ئىلھام توختىنىڭ تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى. ئاخىرقى غەلىبە ئۈچۈن يەنە بەدەل تۆلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.»

بۇ قېتىمقى ساخاروف مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا ئىلھام توختى، جان دۈندار، مۇستافا جەمىلوف ۋە نادىئا مۇراد قاتارلىق 4 كىشى تاللانغان بولۇپ، 10 – ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ئاخىرىقى بىر مۇكاپات ساھىبىنىڭ ئىسمى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن

69b40e1b-3025-4091-bcb5-e61f6450f706

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتايچە قانىلىنىڭ 16 – سىنتەبىر بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇجيا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئاددىي بىر پۇقرالىق سالاھىيىتىم بىلەن، 2008 – يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېيتسام، ئەگەر پۈتۈن خىتاي تەۋەسىنى ئاختۇرسا، ئىسمىنى ئاتاشقا لاياقىتى يېتىدىغان، ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشسىشكە سالاھىيىتى توشىدىغانلارنىڭ بىرىنچىسى ئىلھام توختىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىلھام توختى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىق ئىدى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋىجدانى ئىدى، شۇ سەۋەبلىكمۇ ئۇ ئەڭ قاتتىق جازالاندى. ئۇ ۋەكىللىك قىلغان مىللەت قۇللۇقنىڭ خورلۇقلىرىغا ئۇچرىغاندىن سىرت، چەكسىز نەپرەتكە تولغان ۋە قانلارغا مىلەنگەن. بۇ ۋەسۋەسە ئىشىكىنىڭ ئاچقۇچى، ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكىدۇر. ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتى ياۋرۇپانىڭ قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ سايلىمى بىلەن بەلگىلەنگەن. چۈنكى، ئىلھام توختىنىڭ ئۇ يەردە ئالاھىدە ئورنى بار. خىتاي دائىرىلىرىمۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ نەرقىنى بىلىدۇ، بۇ مۇكاپات بىرسىگە بېرىلگەن بولسا، بۇ ئادەم ۋەكىللىك قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنىڭمۇ دىققەتنى تارتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىمى ئىنتايىن زور بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرىگە بېسىم ئىشلىتىشى مۇمكىن

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/ilham-toxti-09162016230928.html

Share
744 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.