logo

trugen jacn

ئىلھام توختى مەسىلىسى ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا

 

ئەكرەم

ئىلھام توختى مەسىلىسى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دائىملىق تېمىسى بولماقتا. جەۋھەر ئىلھامنىڭ 8-ئاپرېل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ياۋروپا ئاخبارات ساھەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم سەمىگە سالدى.

9-ئاپرېل كۈنى «گېرمانىيە دولقۇنلىرى»قاتارلىق بىر قىسىم ئاخبارات قاناللىرى جەۋھەر ئىلھامنىڭ 8-ئاپرېل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدا قولغا ئېلىنغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى كەڭ تارقاتتى. ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى جىددىي ئىنكاس بىلدۈرۈپلا قالماي، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ ھەر تۈرلۈك ئىنكاس، باياناتلارنى ئېلان قىلىپ ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى.

ھازىرغا قەدەر ياۋروپادىكى گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، شۋېتسارىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق ئونلىغان دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىلھام توختى توغرىسىدا كۆپ ساندا ئۇچۇر ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. بۇلاردا ئىلھام توختى ئوبرازى ئومۇمەن خىتايدىكى ئەڭ مۆتىدىل بىر ئۆكتىچى سۈپىتىدە ئەكس ئەتتى. ئامېرىكا قەلەمكەشلەر بىرلىكى 21-مارت ئۇنىڭغا يېزىقچىلىق مۇكاپاتى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوبرازى تېخىمۇ ئىجابىي تۈس ئالدى. ئەمما ئىلھام توختى خىتاي تەرىپىدىن ئارتىلغان «دۆلەتنى پارچىلاش»بەتنامى بىلەن ئىستىقبالى قاراڭغۇ ھالدا ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا.

ئاخباراتچىلار «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سودا ۋە ئېنېرگىيە مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ياخشى بىلىدۇ، ئۇلار بۇ مۇقىملىقنى قاتتىق باستۇرۇش يولى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ»دەپ يېزىشماقتا ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش»جىنايىتىگە ئائىت دەلىل-ئىسپاتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلىيالمىغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاينى مەسخىرە قىلىشماقتا.

ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى چوغلۇق خانىم، ئىلھام توختى مەسىلىسىگە نىسبەتەن غەربلىكلەرنىڭ جىددىي دىققەتتە بولۇشىدىكى بەزى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، تىنچلىق شەكلىدىكى قارشىلىقنىڭ خىتايدا مۇتلەق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى، ئىلھام توختى ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاخىرقى بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دەرۋەقە، ياۋروپا ئاخبارات قاناللىرىدا ئىلھام توختى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان كۆپلىگەن ماقالىلەردە، خۇددى ئۇنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام 8-ئاپرېل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئېيتقاندەك،«ئىلھام توختى زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان شەخس ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ، ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈرگۈزۈۋاتقان خاتا سىياسەتلىرىنى تەنقىدلىگەن بىر زات»سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلدى.

مەسىلەن: «يېڭى زۇرۈك گېزىتى»28-فېۋرالدىكى «چەكتىن ئاشقان قىزىل سىزىق» ناملىق ماقالىسىدە، ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان ھېسابسىز چەكلىمىلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن كىشىلىكىنى ئەسكەرتتى.

«بېرلىن گېزىتى» بولسا 26-مارتتىكى «بېيجىڭغا شىنجاڭنىڭ بايلىقلىرى كېرەك، ئادەملىرى كېرەك ئەمەس» ناملىق ماقالىسىدە، ئىلھام توختىغا ئوخشاش مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرمۇ قاماققا ئېلىنغان تەقدىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى زوراۋانلىققا تايىنىپ ئىپادىلەشتىن باشقا چارىسى قالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى سوغۇققانلىق، ئىدراك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش يولىنى تاللىماي، زورلۇققا زورلۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇش يولىنى تاللىۋالغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ 28-فېۋرالدىكى ئىلھام توختى ھەققىدە يېزىلغان «قەپەسكە قامالغان زىيالىينىڭ ۋىجدانى» ناملىق خەۋىرىدە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئىلھام توختىغا ئوخشاش سىياسىي ئاكتىپلاردىن 200 گە يېقىن كىشىنىڭ تۆمۈر قەپەس سايىسىدە غايىب بولۇپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. خەۋەردە، ئىلھام توختىنىڭ ئۆتكەن يىلى تيەنەنمېندە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئۇچراۋاتقان زۇلۇم، 200 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق دەرىجىگە يەتتى، ھەتتا فېئودال ئىمپېرىيە دەۋرىدىمۇ، ماۋ زېدۇڭ زامانىدىمۇ ئۇيغۇرلار ھازىرقىدىن بەكرەك ئەركىن ئىدى» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىمۇ ئىلھام توختى مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئۇلار قانچە قېتىملىق سىياسىي يىغىلىش ۋە نامايىشلىرىدا ئىلھام توختىنىڭ سۈرىتى چاپلانغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئۆز نارازىلىقلىرىنى نامايان قىلىشتى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ilham-toxti-04092014144817.html

Share
2102 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.