logo

trugen jacn

ئىلھام توختى: شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ

1735482962hinainoritycholar0c373

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈرمىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 2013-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە خىتاي تىلىدا يېزىپ تاماملىغان «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسى، ئۇ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، «پىللار سۆھبىتى» ناملىق تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان؛ مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى 22-ئاپرېلدىن باشلاپ «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» ChinaChange.org تورىدا ئېلان قىلىنماقتا.

ماقالىدە، ئىلھام ئەپەندىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قويغان تەلەپلىرىدىن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەت مەسىلىسى، قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسى، دىنىي مەسىلىلەر، مىللەتلەر قۇرۇلمىسى ۋە مىللىي ئايرىمىلىق مەسىلىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا ۋە زىيالىيلارغا ئىشىنىش مەسىلىسى، بىڭتۇەن مەسىلىسى قاتارلىق ئالتە چوڭ تېما بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدا مەۋجۇت مەسىلىلەر ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارىتا تەكلىپ پىكىرلىرى بىر قەدەر ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.

بىز ئاۋۋالقى پروگراممىمىزدا، بۇ ماقالە يېزىلىشتىن ئىلگىرى يەنى 2010-يىلى 5-ئايدا «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ئىلھام ئەپەندى بىلەن ئەينى چاغدا ئۆتكۈزگەن، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق رەسمىي يازما تەكلىپ سۇنۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرىسىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئىدۇق.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئىلھام ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى ھەققىدىكى بايانلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغىنى ئۈچۈن، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/ilham-toxti-04302015143440.html

Share
1877 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.