logo

trugen jacn

ئىلھام توختى خىتاي سوتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان

201409242252china1

سەيشەنبە كۈنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي سوتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان

تىبەت يازغۇچى ۋوئېسېر تۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، نارازىلىق ئەرزى جەمئىي 15 بەتلىك بولۇپ، ئىلھام توختى ئەرزنامىگە قول قويغان

نارازىلىق ئەرزىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «كەمىنە ئەرز قىلغۇچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ (2014-يىل) 129-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسىگە قايىل ئەمەس، مەن ئۆزۈمنى دۆلەتنى پارچىلار جىنايىتى ئۆتكۈزمىدىم، دەپ تونۇيمەن ۋە ھۆكۈمنامىنىڭ دەرھال گۇناھسىز، دەپ ئۆزگەرتىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن

ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ ناھەق جازالانغانلىقىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دېلوغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئادۋوكاتلارغا بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام توختىنىڭ باش ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ چارشەنبە كۈنى «ئۈندىدار» غا يوللىغان بىر ئۇچۇردا ئىلھام توختىنىڭ ئۆزدىن خوتۇنى ۋە پەرزەنتلىرىگە مۇنداق سالام يوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن: «سەن باللىرىمىز ئۈچۈن قەيسەر بول، يىغلىما، بىز پات ئارىدا قۇچاقلىشىمىز

ئىلھام توختى خىتاي قانۇنى يول قويغان دائىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان ۋە مىللەتلەر-ئارا دىئالوگ قۇرۇشقا تىرىشقان مۆتىدىل پىكىرلىك زىيالىي ئىدى

ئۇ 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچى ئوتتۇرا مەھكىمىدە ئېچىلغان سوتتا «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-09242014163927.html

Share
1330 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.