logo

trugen jacn
01 نويابىر 2014

ئىلھام توختى تۈرمىدە ئەيىبنامىگە قارشى يۈز نەچچە بەتلىك رەدىيەنامە يېزىپ چىققان

3753129lhamtohti

ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۈرمىدە سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قارشى يۈز نەچچە بەتلىك رەدىيەنامە تەييارلاپ، يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان.

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ 29‏-ئۆكتەبىر ئۇنىڭ بىلەن 2 سائەت كۆرۈشكەن ئىدى. لى فاڭپىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى سوت دەلىل، دەپ قوبۇل قىلغان پاكىتلاردا نۇرغۇن بوشلۇق بارلىقىنى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىدە باش-ئاخىرى زىت نۇرغۇن مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، ئىلھام توختى يۇقىرى سوتنىڭ رەسمىي سوت ئېچىپ، ئۇنىڭ مەسىلىسىنى كۆرۈپ چىقىشنى، دەلىل-ئىسپاتلاردىكى بوشلۇق، زىتلىقنى نەزەرگە ئېلىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، بىراق يۇقىرى سوت ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىگەن. ئۇلار 29‏-ئۆكتەبىر كۆرۈشكەندە ئۇ قولىدىكى قېلىن ماتېرىيالنى كۆرسىتىپ، بۇنچىلىك كۆپ يازدۇق، لېكىن قانچىلىك ئىشقا يارا، دېگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت 23‏-سېنتەبىر ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلەپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. بىراق ئىلھام توختى ھۆكۈمىگە قايىل بولماي ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان.

لى فاڭپىڭ چارشەنبە كۈنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا ھازىرغىچە كىشەن سېلىقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال نارازىلىق بىلدۈرگەن. بىراق تۈرمە دائىرىلىرى بۇ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ پىكرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لى فاڭپىڭ بولسا ج خ نازارىتىنىڭ ھۆججىتى بولسىمۇ، بىراق بۇ تۈرمە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى خىلاپ، دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-10312014165839.html

Share
1472 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.