logo

trugen jacn

ئىلھام توختى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە ئاڭلىتىلدى

turkiye-tv-ilham-toxti-2

مارتىن ئەننالىس ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسىغا تارقىتىۋاتقان ت ر ت ئاۋاز تېلېۋىزىيىسىدە بېرىلىۋاتقان «تۈركىستان گۈندەمى» يەنى تۈركىستاننىڭ كۈن تەرتىپى ماۋزۇلۇق پروگراممىسىدا ئۇنىڭغا مەخسۇس ئورۇن بەردى. ھەر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 يېرىمدە تارقىتىلىدىغان 45 مىنۇتلۇق پروگراممىنىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئىلھام توختىنىڭ ئىش ئىزلىرى، تۈرمىگە قامىلىش سەۋەبلىرى، ئائىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئۇ ئېرىشكەن مۇكاپاتلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلھام توختىغا بولغان كۆز قارىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قاتارلىقلار ئاڭلىتىلغان. پروگرامما رىياسەتچىسى دوكتور فاھرى سولاق ئەپەندى، ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىدىن بۇ ھەقتە سوئال سورىدى. 29-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پروگراممىدا يەنە، ھامۇت گۆكتۈرك ئىلھام توختىنىڭ ماقالە ۋە باياناتلىرىنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان «يولۇم ۋە غايەم» ناملىق كىتاب توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر پروگرامما: «ئۇيغۇر ئاكادېمىك ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ئىلھام توختىنىڭ كۈرەشلىرى تۈركىستاننىڭ كۈن تەرتىپى پروگراممىسىدا، دوكتور فاھرى سولاق ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان تۈركىستاننىڭ كۈن تەرتىپى پروگراممىسى ت ر ت ئاۋاز قانىلىدا» دەپ باشلاندى.

ئارقىدىن ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ھايات تەرجىمىھالى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كۈرەشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

بىز پروگرامما توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە تۇنجى قېتىم ئىلھام توختى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلغانلىقىنى بايان قىلدى

47b11df3-37f3-472b-b48a-602d201aaa3f

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ت ر ت ئاۋاز تېلېۋىزىيىسىدە تارقىتىلغان تۈركىستان كۈنتەرتىپى پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى دوكتور فاھرى سولاق ئەپەندى سورىغان سوئاللار ۋە ئۆزى بەرگەن جاۋابلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى يېقىندىن بېرى، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، يەنە قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-turkiye-tv-10312016160456.html

Share
1078 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.