logo

trugen jacn

ئىلھام توختى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ۋە «ئۇيغۇر بىز» تورى-1

 

2014-يىلى 15-يانۋار ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادا ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش، ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى كۈچەيدى.

ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرىدا تاكى 10 كۈنگىچە ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. پەقەت 2014-يىل 25-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچى دائىرىلىرى تۇنجى قېتىم ئۇچۇر بېرىپ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر بىز تورىدا ئېلان قىلىنغان «مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» مەزمۇنىدىكى ماقالە-ئەسەرلەر ۋە ئىلھام توختىنىڭ سىنىپتىكى لېكسىيىلىرىدە بۇ خىل ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىمۇ ئىلھام توختىنىڭ دۆلەت قانۇنىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. ئۇنداقتا ئەينى چاغدا ئىلھام توختى بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچى كىملەر ئىدى؟ ئۇلار نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىندى؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى قانداق بولدى؟

خىتاي دائىرىلىرى 2014-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى شۇ يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغان ئىلھام توختىنى «مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دائىرىلەر يەنە شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەينى چاغدا ئىلھام توختى بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈستىدىنمۇ سوت ئېچىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىمۇ «مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» ئىدىيىسىنى تارقىتىش پائالىيەتلىرىدە بولغان ياكى ياردەملەشكەن دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۇلارنى يىل سانىدا پەرق بولغان مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سوتىنى يېپىق ھالەتتە ئاچقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىلھام توختى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خەلقئارا تاراتقۇلاردا مەلۇماتلار ئىنتايىن ئاز بېرىلدى.

تۆۋەندە ئىلھام توختى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە، ئەينى چاغدا خەلقئارادا ئېلىپ بېرىلغان ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى پائالىيەتلەر ۋە رادىئويىمىزنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەققىدە ئىگىلىگەن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاڭلىغۇچىلارغا ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمىز.

ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ 10 كۈندىن كېيىن يەنى 25-يانۋار كۈنى، ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئۆز تورىدا ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە تۇنجى خەۋەرنى بەردى.مەزكۇر خەۋەردە ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇربىز» تورى ۋە دەرسخانىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇقنى تەرغىب قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر خەۋەر ئەينى چاغدا خىتاي ئىچىدە تۇرۇپ، ئىلھام توختى ئۈچۈن ئەركىنلىك تەلەپ قىلىۋاتقان دېموكراتىك زىيالىيلار، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئىلھام توختىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك قىلىش، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان گۇرۇھلارنى تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش» جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم 2014-يىلى 28-يانۋار كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئارتقان جىنايەتلىرىنى تۆھمەت دەپ ئەيىبلىدى. ئەينى چاغدا گۈزەلنۇر خانىم تۇنجى قېتىم ئىلھام توختى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ئۆزى ئىگىلىگەن دەسلەپكى ئەھۋاللارنى بىلدۈرگەن ئىدى.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-يانۋار ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنغان كۈنى دائىرىلەر بېيجىڭ ۋە ئۇيغۇر رايونىدىن يەنە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتكەن. بىر ھەپتە ئىچىدە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار سوراق قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان پەرھات خالمۇرات، ئابدۇقېيۇم ئابلىمىت، شۆھرەت نىجات، ئاتىكەم روزى، مۇتەللىپ ئىمىن، ئەكبەر ئىمىن قاتارلىق 6 ئوقۇغۇچى ۋە گۇئاڭشىدىكى يى مىللىتىدىن بولغان لويۈۋېي قاتارلىق 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى «ئۇيغۇربىز تورى» دا پىدائىي بولۇپ ئىشلىگەن، دېگەن گۇناھنى ئارتىپ، رەسمىي تۇتقۇن قىلىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەن.

ئىلھام توختىنىڭ خوتەندىن تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىسى مۇتەللىپ ئىمىن، ئاقسۇدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىسى ئاتىكەم روزى ۋە بېيجىڭدىن تۇتقۇن قىلىنغان پەرھات خالمۇرات قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار «ئۇيغۇربىز» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالە ئەسەرلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، 2013-يىلىلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەقىب قىلىشى ۋە كۆپ قېتىم سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار ئىدى.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن بىر كۈندە تۇتقۇن قىلىنغان بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن پەرھاتنىڭ ئائىلىسى 28-يانۋار كۈنى ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان بولۇپ، پەرھاتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر گۈزەلنۇر خانىمغا يەنە شۇ كۈنى تۇتۇلغان باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئۈرۈمچىدە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گۈزەلنۇر خانىم شۇ قېتىمقى بايانىدا، تۇتۇپ كېتىلگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى، ئەمما شۇ يىلى 28-يانۋار كۈنىمۇ ئىلھامنىڭ نەدىلىكى ھەققىدە ئۆزىگە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر بىز» تورىغا بىر قىسىم خەۋەر ئۇچۇرلارنى يوللاشقا ياردەملەشكەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان پەرھات خالمۇراتنىڭ ئاتا-ئانىسى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرى يۇرتى كۈنەس ناھىيىسىدىن بېيجىڭغا ئوغلىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەن. ئۇلار بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە يەنى 28-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پەرھات خالمۇراتنى ئۆزلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە خەت ئەۋەتكەن. پەرھات خالمۇراتنىڭ ئاتا-ئانىسى خەتنى كۆتۈرۈپ، ج خ نازارىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، ئۈرۈمچىدىكى بارلىق تۈرمىلەرگە بېرىپ، ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، پەرھات خالمۇراتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ ھېچقانداق دېرىكىنى ئالالماي كۈنەسكە قايتىپ كەتكەن.

ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇتەللىپ ئىمىن، تۇتقۇن قىلىنىشتىن يېرىم يىل ئىلگىرى تۈركىيەدىكى مەكتىپىگە قايتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا مۇتەللىپ ئىمىن «ئۇيغۇربىز» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالە-ئەسەرلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلىپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن 2013-يىلى ياز پەسلىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، 9-ئايغا قەدەر 3 ئاي سوراق قىلىنىپ، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. مۇتەللىپ ئىمىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۈزلۈكسىز ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مۇتەللىپ ئىمىن 15-يانۋار كۈنى ئاۋۋال ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، يېزىلىق ساقچىخانىغا، ئاندىن ناھىيىلىك ساقچىخانىغا كېيىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەن.

ئىلھام توختى بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئاقسۇلۇق ئاتىكەم روزى، تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن قىلغان پاسپورت ئىلتىماسى رەت قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن، 2013-يىلى «ئۇيغۇربىز تورى»نىڭ خەلقئارا سەھىپىسىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئاشكارا تەنقىدلىگەن. ئۇ يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭمۇ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پاسپورت بېجىرىش سىياسىتىدىكى ئايرىمىچىلىقنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز يۇرتىغا تۇغقان يوقلاشقا قايتقان مەزگىللەردە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى ئىدى.

2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى ئەينى چاغدا خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە خەۋەر قىلىنغان بولۇپ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، د ئۇ ق، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئىلھام ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىلھام توختى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر دادىسى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلىرى ھەققىدە ئىسپات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر 2014-يىلى 9-ئاپرېل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە دادىسى ئۈچۈن بەرگەن ئىسپاتىدا،«خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دادىسى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دادىسى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ «ئۇيغۇربىز» تورىدا پىدائىي بولۇپ ئىشلىگەن دەپ تۇتقۇن قىلىنغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلىشى يولسىزلىق» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

بېيجىڭدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىممۇ بايانىدا، ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى «ئۇيغۇربىز» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە-ئەسەرلەر سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىشىنىڭ يولسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.

2014-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئىمزا توپلاش چاقىرىقىدا ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئارتقان جىنايىتى ئەيىبلەنگەن ۋە رەت قىلىنغان بولۇپ، چاقىرىقتا «ئىلھام توختى 2006‏-يىلى ‹ئۇيغۇربىز› تور بېكىتىنى قۇرۇپ، ھەر خىل بېسىمغا قارىماي ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشىدە كۆزنەكلىك رول ئوينىدى. ئۇ شىنجاڭ مۇستەقىللىقى ۋە ھەر قانداق زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى دوستلۇق قانىلىنى ئاكتىپ ئالغا سۈرۈپ كەلدى» دېگەن بايانلار بېرىلىپ، ئىلھام توختى ۋە «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ھەرقانداق تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10032016134728.html

Share
981 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.