logo

trugen jacn

ئىلھام توختى بىتەرەپ سوتتا سوتلىنىشى لازىم

Yavuzaslan'dan Tohti ?çin Tarafs?z Mahkeme Ça?r?s?

گۈنگۈر ياۋۇزئاسلان ئۇيغۇر ژورنالېست، ئاكادىمىيە خادىمى ئىلھام توختىنىڭ بىتەرەپ سوتتا سوتىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ئىلھام توختىنىڭ بىتەرەپ سوتتا سوتلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلىندى.
تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر خەلقئارا ژۇرنالېستلار جەمئىيىتى باشلىقى گۈنگۈر ياۋۇز ئاسلان، خىتايدا قاماققا ئېلىنغان ئۇيغۇر ژورنالېست، ئاكادىمىيە خادىمى ئىلھام توختىنىڭ قانۇنىي ئەھۋالىنى خەلقئارا سوتتا قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
گۈنگۈر ياۋۇزئاسلان ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ خىتاي سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرىزنامىسىنىڭمۇ رەت قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە «خىتاي سوت مەھكىلىرى ئادىل ئەمەس، شۇڭقا ئىلھام توختى بىتەرەپ سوتتا سوتلىنىشى لازىم» دېدى.
گۈنگۈر ياۋۇزئاسلان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنسىزلىقىغا قارشى خەلقئارا قانۇننىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ۋە ئىلھام توختىنىھ بىتەرەپ، مۇستەقىل سوت مەھكىمىلىرىدە قايتىدىن سوتلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
گۈنگۈر ياۋۇزئاسلان، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈرمىدە ئىلھام توختىنىڭ بېشىغا كېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر تۈرلۈك سەلىبىي ھادىسلەرنىڭ جاۋاپكارلىقىمۇ پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىممىسىدە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1760 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.