logo

trugen jacn

ئىلھام توختى-ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانىدۇر

 

م.ئازات

يىل.2009 .7.ئاينىڭ 8.كۈنى

بۇگۈن 7.ئاۋگۇست
ئەتە 8.ئاۋغۇست. ئىلھام توختىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتىلگىنىگە بىر ئاي بولىدۇ.نۇر بەكرى ئىسىملىك بىر ئىشەكنىڭ بىر ئەغىز گىپى بىلەن تۇتۇلۇپ كەتىلدى
تۈنۈگۈن-6.ئاۋغۇست.ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزچىسى خۇخەنمىڭ خىنھۇاشە مۇخبىرىنىڭ ئىلھام توختى  توغرىسىدا سورغان سوالىغا

侯汉敏对新华社表示,中央民族大学没有因为乌鲁木齐“7•5”事件受到刑事追究的维吾尔族教师

(http://news.bbc.co.uk/chinese/si … 8186700/8186777.stm )
(مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىدە ”7.5“ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جازالىنىپ تۇتۇلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى يوقتۇر) دەدى

ئىلھام  توختىنى قويۇۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ 300 دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق زىيالى ئىمزاسى بىلەن بايانات ئەلان قىلغان ئىدى.مەنمۇ ئىلھام توختىنىڭ ناھاق تۇتۇلۇپ كەتكەنلىگى،دەرھال قويۇۋەتىلىش كەرەكلىگى ھەققىدە ماقالە يازغان ئىدىم.ئامما، ئىلھام توختى ھازىرغىچە قويۇۋەتىلمىدى

ئىلھام توختى،جۇڭگودا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر جاماەت ئەربابى.ئۇيغۇر مىللىتى كوڭلىدە ئويلىغان ئامما،ئەغىزىدىن چىقىرالمىغان سۆزلەرنى، ئىلھام توختى،جۇڭگو خەلقىگە ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.

ئىلھام  توختى،جۇڭگونىڭ بىر پۈتۈنلىگىگە قارشى چىقمىدى.جۇڭگودىكى مەۋجۇت ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىجرا قىلىشى تەلەپ قىلدى.ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. “ئۇيغۇربىز”تور بەتىدە ھەممەيلەننىڭ ئۇچۇق-يۇرۇقلۇق بىلەن ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى كاپالەتلەندۈردى
ئىلھام  توختىنىڭ پىكىر-تەشەببۇسلىرىغا ئەھمىيەت بەرىلگەن بولسا ئىدى،”7.5”ۋەقەسىنىڭ ئادلىنى ئەلىش تامامەن مۇمكىن ئىدى

ئىلھام  توختىنى ھەچ تونىمايمەن
تور بەتلىرىدىكى يازمىلاردىن بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزقاراشلىرىنى چۈشەندۇق. ئىلھام توختىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى بۇرۇنلا ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدىم.شۇڭا ئۇنىڭ كەلەچەگىگە زور ئۈمىت باغلاپ كەلدىم.ئۇ،تەشەببۇس قىلغان “ قانۇنى ئويغۇنۇش“ھەركىتىنى ئىزچىل قوللىدىم.“مىللىي تەرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى“نى شەرھىلەيدىغان كۆپ ساندا يازما يازدىم. ئىلھام توختىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى،داھىيانە ئالدىن كۆرەرلىگى،ئۆز مىللىتىگە بولغان چەكسىز سۆيگۈسى،ھەچ قانداق ماددىۋى ۋە مەنىۋى مەنپەت كۈتمەستىن ئۆزىنى پىدا قىلىش روھى،يۈرىگىنى ۋە قەلىمىنى مىللەتنىڭ كەلەچەگى ئۈچۈن مەشئەل قىلىش روھى،تىنىچلىق،قانۇنى كۈرەش شەكلىنى تاللىشى،توغرا دەپ قارىغان پىرىنسىپىنى قەتئى قوغدىشى،ئەڭ ئەغىر كۈنلەردىمۇ كەلەچەككە ئۈمىت بىلەن بەقىشى،يولباشچىلىققا خاس سۈپەت ۋە خاراكتىرگە ئىگە بولۇشى… مەنى قايىل قىلغان ئىدى.ئىلھام توختىنىڭ ھەنزۇ زىيالىلىرى بىلەنمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر دىالوگى بار ئىدى.ئۇنىڭ،ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان،ئىش قىلغاندا داغ-دوغىغا ئەمەس،نەتىجىگە ئەھمىيەت بەرىدىغان پەزىلەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان ئىدىم

ئىلھام  توختى پىرانسىيەدىن قايتىپ كەلگەندىن كەيىن،”ئۇيغۇربىز”تورى تاقىلىپ،ئۆزى بەىجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىۋاتقان كۈنلەردە،باشقىلارنىڭ،بەشىغا كۈن چۈشسە چەتەلگە چىقىپ كەتىشى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىگە “ھەچبىر يەرگە كەتمەيمەن.ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى جۇڭگودا،ھەل قىلىشنىڭ چارىسىمۇ جۇڭگودا، يەتىشقا توغرا كەلسە جۇڭگونىڭ تۇرمىسىدا ياتىمەن.چىققاندىن كەيىن يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلەچىگىنى جۇڭگودا ئىزدەيمەن.ئەگەر ئۆلۈپ كەتسەم بىرلا تەۋىسسىيەم بار.جەسىدىم يۇرتۇمغا كۆمۈلسۇن.مۇشۇنچىلىك بەخىت ماڭا يەتىدۇ.” دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ئىدىم

ئىلھام   توختىنى قەرىندىشىمغا ئوخشاش ياخشى كۆردۈم.ئۇنى سەغىنىۋاتىمەن.ئەغىر كۈنلىرىدە ئاىلىسىدىن بولسىمۇ ھال سوراش ئۈچۈن ئۇلارغا ئۇلىشالمىغانلىغىمدىن ۋىجدانى ئازاپ ھىس قىلىۋاتىمەن

ئىلھام  توختى ئۇيغۇرلارنىڭ مۆدىتىل پىكىر ئەقىمىنىڭ ۋەكىلى.مەسىلىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋىجدانىغا تامامەن ۋەكىللىك قىلالايدۇ

ۋەتەن ئىچىدە  ئىلھام توختىنىڭ پىكىر ئەقىمىنى قوللايدىغان زور بىر تۈركۈم زىيالىلار قوشۇنى بار.
ئىلھام توختىنىڭ “7.5”ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىغى ئەلان قىلىنغان تۇرۇغلۇق يەنىلا قويۇۋەتىلمەسلىگى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھىسسىياتىنى رەنجىتمەكتە

ئىلھام توختى تۇتۇلۇپ كەتىلگەن كۈنلەردە،ئۈرۈمچىدە بىر مۇنچە چوڭ تور بەتلىرىنىڭ ئىگىلىرىمى تۇتۇپ كەتىلدى.بۇ تور بەتلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى، ئىلھام توختىنىڭ يازمىلىرى ۋە ئۇنىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بەرىشتىنمۇ چەكىنىپ كەلگەن.ھەتتا يالۋۇرۇشلارغا قارىماي،”مىللىي تەرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى”نى تور بەتلىرىگە قويۇش جاسارىتىنىمۇ كۆرسىتەلمىگەن ئىدى.ئۇ تورلارنىڭمۇ بىردەك تاقىلىپ،ئۇ،دوسلرانىن “يەمىگەن مانتىغا پۇل تۈلەپ” تۇرمىلاردا يەتىپ ئازاپ چىكىۋاتقانلىغىنى ئويلىسام تەخىمۇ ئازاپلىنىمەن

ئىلھام  توختىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتىلىشى بىلەن تەڭ “ئۇيغۇربىز”تورى 9.قەتىم تاقلىپ كەتتى

ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئەرىشىشى ئۇيغۇر ئىنتەرنەت تورچىلىغىنىڭ تەكرار ئەركىنلىككە ئەرىشىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ

مىللىي مەسىلىنىڭ قانسىز،ئۆلۈمسىز،زوراۋانلىقسىز…ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن  ئىلھام توختىنىڭ تۇرمىدىن شەرتسىز قويۇۋەتىلىشى ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى رەھبىرى دەپ قوبۇل قىلىنىش شەرت

ئىلھام توختى – ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانىدۇر

2009.08.07

Share
1737 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.