logo

trugen jacn

ئىلھام توختى: ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەڭسىز سىياسەت ئۆزگەرمىسە، جاڭ چۈنشەن دەۋرىدىمۇ ياخشىلىنىش بولمايدۇ

 

14188212_250620718670563_3137993329841623004_o

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋەزىپىسىنى تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. خەلقئارا تاراتقۇلاردا مەزكۇر خەۋەر ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئانالىزلاردا 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رايون ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈمىدىدە تەيىنلىگەن ئەمەلدارى جاڭ چۈنشەننىمۇ يۆتكەشكە مەجبۇر بولغانلىقى مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014-يىلى «بۆلگۈنچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى، 2010-يىلى 5-ئاي مەزگىلىدە رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەگەر ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەڭسىز سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان قاتتىق قول ئەمەلدار ۋاڭ لېچۈننىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشەننى تەيىنلىگەن تەقدىردىمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى»گە ۋە تەيىنلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشەنگە ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2010-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشەننىڭ 6 يىلدىن كېيىن تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى دەسلەپكى خەۋەرلەر ئۆتكەن ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننى يۆتكىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

جاڭ چۈنشەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدىكى ئانالىزلارنىڭ بەزىلىرىدە جاڭ چۈنشەننىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى گۇرۇھ يەنى ئىلگىرىكى سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ يېقىنلىرىدىن بولغانلىقى تەكىتلىنىپ، جاڭ چۈنشەننىڭ يۆتكىۋېتىلىشى «يېڭى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قارشى گۇرۇھتىكىلەرنى تازىلاپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش تاكتىكىسى» دەپ تەرىپلەندى. يەنە بەزى ئانالىزلاردا «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان قاتتىق قول ئەمەلدار ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا تەيىنلىگەن ئەمەلدارى جاڭ چۈنشەننىمۇ يۆتكەشكە مەجبۇر بولۇشى، جاڭ چۈنشيەن دەۋرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ، رايوندا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى رايونغا قاراتقان سىياسىتىدە ئامالسىز قالدۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىدلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى، 2014-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتىن ئىلگىرى، رادىيومىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى كۆپ قېتىم بايان قىلغان بولۇپ، ئىلھام ئەپەندى، 2010-يىلى 5-ئايدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» مەزگىلىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە 2010-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشەن ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشەن ھەققىدە ئەينى چاغدا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان «جاڭ چۈنشەن ئۇيغۇر رايونىدا يۇمشاق مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن» دېگەندەك پەرەزلەرگە رەددىيە بېرىپ، «ئەگەر مەركىزى ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان تەڭسىز سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، تەيىنلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشەنمۇ، بۇندىن ئىلگىرى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن ئەمەلدارلىرى ۋاڭ لېچۈەن، نۇربەكرىلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەيدىغان ئەمەلدارغا ئايلىنىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى سەۋەب ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «جاڭ چۈنشەن پەقەت مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىجراچىسى. مەركىزى ھۆكۈمەت ‹شىنجاڭغا ياردەم› نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ئۈستى، يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىچكىرىدىكى 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ پايدىلىنىشىغا بۆلۈپ بېرىشنى قارار قىلدى. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىدا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئەمەس، بەلكى مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە رايونغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن كۆپ ساندىكى كۆچمەنلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىنغان. جاڭ چۈنشەن قاتارلىق تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلار مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل تەڭسىز سىياسىتىنىڭ ئىجراچىلىرى. شۇڭا جاڭ چۈنشەن دەۋرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن قوزغىلىدىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى توختىمايدۇ» دېگەن ئىدى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2010-يىلى 3-ئاي مەزگىلىدە جاڭ چۈنشەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەندىن بۇيانقى 6 يىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن قوزغالغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى توختىمىدى. بولۇپمۇ، 2013-يىلى ياز پەسلىدە يۈز بەرگەن «پىچان لۈكچۈن ۋەقەسى»، 2013-يىل «30-ئۆكتەبىر بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئاپتوموبىلدا ئادەم سوقۇش ۋەقەسى»، 2014-يىلى «1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇمى»، 2014-يىلى «30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە پارتلىتىش ۋەقەسى»، «2014-يىلى 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمى»، «2014-يىل 28-ئىيۇل يەكەن خاڭدى ئېلىشقۇ يېزىلىرىدىكى قارشىلىق ۋە قانلىق باستۇرۇش»، «30 ئىيۇل قەشقەر ھېيتگاھ جامائەسىنىڭ خىتايپەرەس ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈشى»، 2015-يىلى ئاقسۇ باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن «18-سېنتەبىر خىتاي كۆمۈر كېنى ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى» قاتارلىقلار 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىقىدىن كېيىن خەلقئارادا زور مۇنازىرە قوزغىغان ۋەقەلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشەن دەۋرىدە يۈز بەرگەن.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2014-يىلى يۈز بەرگەن «22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى»دىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق ھۇجۇملىرى» دەپ ئېلان قىلىپ، 2014-يىلى 23-مايدىن 2015-يىلى 22-مايغا قەدەر بولغان بىر يىلنى خىتاي دۆلىتى بويىچە بىر يىلغا سوزۇلغان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش يىلى» دەپ ئېلان قىلغان. خەلقئارا تاراتقۇلاردىمۇ جاڭ چۈنشەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولغان مەزگىلگە باھا بېرىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ۋاڭ لېچۈەندىن كېيىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن دەۋرىدە ئۇيغۇر دىيارى نارازىلىق كۈچەيگەن، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى شىددەتلىك بولغان تىنچىماس زېمىنغا ئايلاندى» دەپ تەرىپلەنگەن ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 2010-يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەڭسىز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى تەكىتلەپ، رايونغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشەنگە ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئىسپاتلانغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-siyasiti-08302016144309.html

Share
1177 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.