logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ئىككى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە ئىككى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى. ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى بۇنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىگە جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارىماقتا.

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۈچۈن خەلقئارالىق جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلىش ۋە ئۇنى خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» يېقىندا ئىلھام توختى ئەپەندىنى ئامېرىكىدىكى ئىككى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتتى. بۇ ئىككى مۇكاپاتنىڭ بىرى 1968‏-يىلى قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن ئامېرىكىلىق داڭلىق سىياسەتچى، ئادۋوكات روبېرت كېننېدىينى خاتىرىلەش ئۈچۈن تارقىتىلغان «روبېرت كېننېدىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى». بۇ مۇكاپات 1984-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بېرى، تەڭسىزلىككە، ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلغان، مىللىي ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، جىنسىي ئايرىمىچىلىقىغا قارشى ئىجتىمائىي ئادالەتنى شەكىللەندۈرۈش يولىدا ھەرىكەت قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پىداكارلىرىغا تارقىتىلىپ كېلىنگەن ئىكەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى نامزات كۆرسىتىلگەن مۇكاپاتلارنىڭ يەنە بىرى بولسا، ئامېرىكىدىكى براندېيىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، داڭلىق مىللەتشۇناس، جەمئىيەتشۇناس جوسېف گىتىلېر تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «جوسېف ۋە توبىي گىتىلېر مۇكاپاتى». بۇ مۇكاپات مىللىي مەسىلىلەر ھەم دىنى مۇناسىۋەتلەر مەسىلىلىرىگە بەلگىلىك تۆھپە قوشقان ئىلمىي تەتقىقاتچىلارنى تەقدىرلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان.

ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنى يۇقىرىدىكى ئىككى مۇكاپاتقا نامزات كۆرسىتىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە: «ئىلھام توختى ئەپەندى جاسارەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىز مۇئامىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەم ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەسىلىلىرىنى بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەتقىق قىلىپ، ئۇنى ھەل قىلىش يولىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆز ئاساسىي قانۇنىغا تايانغان ھالدا پىكىر-تەكلىپلەرنى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. بىز بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇنى يۇقىرىدىكى ھەر ئىككى مۇكاپاتقا لايىق دەپ قارايمىز» دېدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى «روبېرت كېننېدىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا گېرمان يازغۇچى ئىنگېرد ۋىدىيارتو خانىمنىڭ ئىمزاسى بىلەن نامزات كۆرسىتىلگەن. ئىنگىرىد ۋىدىيارتو خانىم ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارەتلىرى ئاساسىدا «ئۇيغۇرلار زېمىنىغا سەپەر» ۋە «يانار-ئۇيغۇر» قاتارلىق ئىككى پارچە كىتاب يازغان ئىدى. ئۇمۇ ھازىر «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «دۇنيا ئىلھام توختىنى تونۇشى كېرەك»، دېدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىلھام توختىنى دۇنيانىڭ تونۇشىغا ئېرىشىشى كېرەك، دەپ قارايمەن. ئۇ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا تىرىشقانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە ئېلىندى. مەن ئۇنى ئىنتايىن مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشچىسى، دەپ قارايمەن. بىز ئۇنى قانچە كۆپ مۇكاپاتقا نامزات قىلىپ كۆرسىتەلىسەك شۇنچە ياخشى. بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەتلا مۇكاپات ئەمەس. بەلكى ئۇنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. ئەلۋەتتە بىز ئۇنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىپ-ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، ئەمما قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىشقا تىرىشىمىز. چۈنكى بىر مەسىلىنىڭ ھېچ بولمىغاندا كەڭ تونۇلۇشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم».

ئىنگىرىد خانىم يۇقىرىدا ئېيتقاندەك مەقسەتلەر بىلەن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ مەسىلىسى بەلگىلىك دەرىجىدە جامائەت پىكىرى قوزغىغان ۋە ئۇ ئارقا-ئارقىدىن بىر يۈرۈش خەلقئارالىق داڭلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئىدى. مەسىلەن، ئۇ 2016-يىللىق «مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلگەن بولسا، 2017‏-يىلى خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسىنىڭ «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتى» غا ھەمدە يەنە گېرمانىيەنىڭ «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. ئەنۋەرجان ئەپەندى مانا بۇ مۇكاپاتلار ئارقىلىق ئىلھام توختى ئەپەندى جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىگە قامالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ئۇنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرۇشى ئېغىر قىيىنچىلىققا ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتىكەن. شۇڭا ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنى ھېچ بولمىغاندا بېيجىڭدىكى تۈرمىگە يۆتكەپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. شۇڭا ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى پائالىيەتلىرىدە يۇقىرىدىكى مەسىلىنىمۇ جىددىي ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش مۇددىتى بۇ يىل 1-ئاپرېل ۋە 31‏-مارت كۈنلىرى ئاياغلىشىدىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-02282018145147.html

Share
6747 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.