logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىش ئىشى داۋاملاشماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر گۇرۇپپا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلار ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ئىمزاسىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىمزا توپلاشتا «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ ھاۋالىسى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 10-يانۋار كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىلخان كۈچۈك ئەپەندى قاتارلىق 6 نەپەر مۇھىم ئەربابنىڭ ئىمزاسىنى ئالغان. نۆۋەتتە يەنە ئىلگىرىكى يىللاردا «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» بېرىلگەن تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما قاتارلىق ئەربابلار، غەرب دۆلەتلىرىدىكى تەسىرى كۈچلۈك سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە زىيالىيلارنىڭ ئىمزاسىنى توپلاش پائالىيىتى جىددىي داۋاملاشماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە قەدەر ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىئو كاستالدو، پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان كۈچۈك، ھېلگا ترۈپېل، لازلو توكەس، ئىگنازىئو كوررائو قاتارلىقلار نامزاتلىق جەدۋېلىگە ئىمزا قويغان.

ئەنۋەر جان ئەپەندى رادىيومىزغا يوللىغان ئۇچۇرىدا يەنە ياۋروپادىكى تەسىرى كۈچلۈك سىياسىي تەشكىلاتلاردىن مەركىزى ئەنگلىيەدىكى لىبىرال ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىلگىرىكى رەئىسى، نۆۋەتتىكى پەخرى رەئىسى گوللاندىيەلىك فان بائالېن ئەپەندىنىڭ ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ھەققىدە يازغان چاقىرىقىنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتكەن.

فان بائالېن ئەپەندى چاقىرىقىدا نېمە ئۈچۈن ئىلھام توختى ئەپەندىنى 2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2017-يىللىق دۇنيا ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. بىز نۆۋەتتە ئۇنى يەنە 2018-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى ئىلھام توختى ئەپەندى نۆۋەتتە دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي ھوقۇقى باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دىئالوگ يولى ئارقىلىق پىدائىيلىق كۆرسەتكەن ئاۋانگارتتۇر،» دېگەن.

ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە چەتئەللەردىكى تەسىرى كۈچلۈك خىتاي زىيالىيلىرىمۇ ئاۋاز قوشقان بولۇپ، ئەنۋەر جان ئەپەندى 11-يانۋار كۈنى ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكرات زىيالىيلىرىدىن شا يېلياڭ ئەپەندىنىڭ ئىمزاسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرىكى رەئىسى، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش خىزمىتىگە يېقىندىن ھەمكارلاشماقتىكەن. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى دالاي لاما قاتارلىق ئەربابلارغا ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ھەققىدە ھاۋالە مەكتۇپلىرى ئەۋەتكەن.

«ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مارې ھولزمان خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئىلھام توختىنى2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىك مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى نۆۋەتتە يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ھازىرچە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، 1-ئاينىڭ ئاخىرى مەخسۇس رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنى 2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش تەشەببۇسىغا خىتاي ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشماقتا. خەلقئارادا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى 2008-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. خۇ جيا ئەپەندى ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا ئەڭ لايىق نامزات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئۈزلۈكسىز مەلۇمات بېرىپ كەلمەكتە.

12-يانۋار كۈنى ئۆزىنىڭ بىر مەزگىللىك داۋالاشتىن كېيىن دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىرچە ئاۋازلىق زىيارەتنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتى يوقلىغىنى بىلدۈرگەن خۇ جيا ئەپەندى ئۇچۇر يوللاپ، دوختۇرخانىدىن چىقىپلا ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ۋە بالىلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئىلھام توختىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يەنىمۇ كۆپلىگەن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارنىڭ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، دۇنيانىڭ بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-01152018120908.html

Share
7261 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.