logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنى 2017-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا كۆرسىتىش خىزمەتلىرى باشلاندى

d62562d3-79db-4856-bfe4-b9dcc00bedab

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

كۈنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا 2016-يىلى 11-ئۆكتەبىر «مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى

مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە ئىلھام توختىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئىلھام ئەپەندىنى يەنە «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق باشقا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا كۆرسىتىش خىزمەتلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ئەنۋەرجان ئەپەندى، تۈركىيەدىكى پائالىيەتچى ھامۇتخان كۆكتۈرۈك ئەپەندى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىدىن ساۋ ياشۆ خانىملار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

گېرمانىيەدە قۇرۇلغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ئەنۋەرجان ئەپەندى، مەزكۇر گۇرۇپپا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ياۋروپا پارلامېنتى، گېرمانىيە دۆلىتى قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ چىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختىغا بېغىشلانغان بىر قاتار خەلقئارالىق پائالىيەتلەر ۋە يىغىنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئىلھام توختى ئەپەندىنى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە تەسىس قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا كۆرسىتىش خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» تورىنىڭ ساھىبى ساۋ ياشۆ خانىم ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش تەشەببۇسىنى دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي دېموكراتلىرىدىن بىرىدۇر. ساۋ ياشۆ خانىم ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە ئىلھام توختى ئىدىيىسىنى خىتاي پۇقرالىرىغا تونۇشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي خەلقىگە ئاڭلىتىش ۋە خىتايدا دېموكراتىيە ئىدىيىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ھامۇتخان كۆكتۈرۈك ئەپەندى، نۆۋەتتە تۈركىيەدىمۇ ئىلھام توختى ئىدىيىسى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە تاراتقۇلاردىمۇ مەخسۇس پروگراممىلار بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى تۈركىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر خىل ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت كۈن تەرتىپىگە ئەكېلىش، ئىلھام توختىنى تۈرك دۇنياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، تۈرك خەلقى ۋە ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز بولۇنغاندا ئىلھام توختى تىلغا ئېلىنىدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ھامۇتخان كۆكتۈرۈك ئەپەندى يەنە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇستەقىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئۆز شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا ئاڭلىتىشىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقارالىشىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

http://www.uyghurnet.org/ug/wp-admin/post-new.php

Share
1071 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.