logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقى كۈچەيمەكتە

 

el-profesor-ilham-tohti-en-su-casa

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پائالىيەتچىلەر ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىق ۋە پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىشنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ دەرھال تۈرمىدىن ئازاد قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى 12-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلھام توختى ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىنى يەنە كۈچەيتمەكتە.

ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تور بېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلىغان بولسا، گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى يەنە 12-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تېمىسىدا ئىلھام توختى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون خانىم سۆزىدە، ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەققىدە مەخسۇس باياناتلارنى ئېلان قىلىش، ئىلھام توختىنى ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىمزا توپلاشقا چاقىرىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئەسلىدە تۈرمىگە تاشلانماسلىقى كېرەك ئىدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ئىزچىل چاقىرىمىز.»

گېرمانىيەدە قۇرۇلغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىمۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىلھام توختىنى ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپا مەسئۇللىرىدىن گۇرۇپپا رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە گۇرۇپپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىرانسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پارىژ 7-ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور مارىي ھولىزمان خانىملار بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

گۇرۇپپا رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ يىل 12-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە گېرمانىيە باۋارىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «پروفېسسور ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مارىي ھولىزمان خانىم بولسا، مەزكۇر يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتىنى ۋە ئىلھام توختىغا داۋاملىق ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭ تۈرمىدىن دەرھال ئازاد قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت.»

مارىي ھولىزمان خانىم سۆزىدە، ئىلھام توختى ئەپەندىنى ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئىلھام توختى ھەققىدە مەخسۇس خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىمۇ ئېچىشنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىلەن بىللە، خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشتە تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى خىتايدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 22-سېنتەبىر كۈنى دائىرىلەر ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، خەلقئارادا دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك زىيالىيلارنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش چاقىرىقلىرى ۋە پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-11212016154138.html

Share
1186 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.