logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنى خەلقئائارادا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ۋە نازۇك نۇقتىلار

 

زىخرۇللا

ئىلھام توختى مارتىن ئەننالس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىملىكى ۋە تەقدىرى خەلقائارادا يەنە بىر قېتىم دىققەت قوزغىدى؛ ئۇنى كەڭ-كۆلەمدە تونۇشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر پۇرسىتى تۇغۇلدى. ئەمما ئىلھام توختىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋە نازۇك نۇقتىلىرى بار. بۇ نۇقتە پەرقلەندۈرۈلمىسە، بۇ تونۇشتۇرۇش ھەم ئىلھام توختىغا ھەم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ.

مەنچە مۇھىم نۇقتا ئىلھام توختى روھىي، نازۇك نۇقتا ئۇنىڭ ئىدىيە ۋە غايىسى

گەپنى ئاۋۋال نازۇك نۇقتىدىن باشلايلى:

ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى ۋە نۇتۇق-يازمىلىرىنى بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە كۆزەتسەك ئۇنىڭ پۈتۈن تىرىشچانلىقى خىتاينى ھىچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىغا بولسىمۇ ئەمەل قىلىش، ئۇيغۇرلارغا ئۆز قانۇنلىرىدا دېيىلگەن ھەقنى بولسىمۇ بېرىشكە چاقىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىلھام توختى ھازىرغىچە غايە ئوتتۇرىغا قويمىدى، تەدبىر ئوتتۇرىغا قويدى، پەللە ھەققىدە توختالمىدى، ئۆتكۈنچى يولنى كۆرسىتىپ باقتى. شۇڭا ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-تەشەببۇسلارنى تەدبىر دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسى ۋە غايىسى دېيىشكە بولمايدۇ؛ يازمىلىرىدا شۇنداق ئاتالغان تەقدىردىمۇ. ئەلۋەتتە ئىلھام توختى ئېنىق بىر غايىگە، سېستىمىلىق بىر ئىدىيەگە ساھىپ بىر زات، ئۇنىڭ ئىرائىسىدىكى مۇستەھكەملىكنىڭ يىلتىزىمۇ بۇ؛ ئەمما سىياسىي مۇھىت ئۇنىڭغا غايە ۋە ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇدەك پۇرسەتنى بەرمىدى.

يېقىندا تارقالغان بىر يازمىدا “ ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسىنى، پىكىر-تەشەببۇسلىئىرىنى غەرپ دۆلەتلىرىگە تونۇشتۇرۇش، ياشنىتىش ۋە تەرغىپ قىلىشقا تىرىشىش“ چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ ئەگەر بۇ گەپتىن مەقسەت ئىلھام توختىنى دۇنياغا ئاپتونومىيەنى ياقىلىغۇچى دەپ تونۇشتۇرۇش بولسا، بۇ ئالدى بىلەن ئىلھام توختىغا قىلىنغان، جۈملىدىن ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە قىلىنغان ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىك بولىدۇ؛ ئۇ ئامالسىز تاللىغان ”قانۇنىي يول“نى ئۇيغۇر خەلقى ئومۇمىيۈزلۈك خالايدىغان يول دەپ تەشۋىق قىلساق قىپ-قىزل يالغانچىلىق بولىدۇ، ئىلھامنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىغا سەۋەپ بولغان مۆتىدىل يولنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىنى ھەل قىلىدىغان پارلاق يول دەپ تەشۋىق قىلساق، بۇ ھەم ئۆزىمىزنى ھەم خەلقائارنى ئالدىغانلىق بولىدۇ؛ ئىلھامنىڭ بېيجىڭدا تاپانچىنىڭ ئاستىدا ئامالسىز دېگەن تەكلىپ -تەشەببۇسلىرىنى چەتئەلدە ياشناتماقچى بولساق، ئۇنىڭ ئۈستىگە “ خىتاينىڭ قانۇنلىرى دائىرىسىدە ھەركەت قىلىش“تىن ئىبارەت بۇ مۆتىدىل يولىنى d.u.q نىڭ مەركىزى ميۇنخېندا ياشناتماقچى بولساق، بۇ ئاددىيراق ئېيتقاندا ئەخمىقانىلىق، جىددىيراق ئېيتساق، مىللەتكە خىيانەت بولىدۇ.

شۇسى ئېنىقكى ئىلھام توختىنىڭ پىكىر ۋە تەشەببۇسلىرى مەزمۇنەن مىللەتنىڭ ئىرائىدىسىگە ۋەكىللىك قىلىش قىممىتى يوق، ھەتتا ئىلھامنىڭ ئۆز ئىدىيىسىگىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. پەقەت بۇ تەكلىپ-تەشەببۇسلاردىن ئەكس ئەتكەن نۆۋەتتىكى سىياسىي تەقدىر ۋە ۋەزىيەتكە قارىتا نارازىلىق كەيپىياتى ۋە قارشى مەيدانى مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئەلۋەتتە ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش، ئاپتونومىيە تەرەپدارى بولۇش دېمەك، چەتئەللىك قوللىغۇچىلىرىمىزنىڭ چۈشىنىشىدە ئاددىي، نورمال، تېخى ئاقىلانە يول بولۇشى مۈمكىن؛ ئەمما بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا داۋاملىق ياشاشنى تەشەببۇس قىلىش ) ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپ( خىتاينىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىشتىن ئىبارەت بىر روھىي تەسلىمچىلىك ۋە رەسۋاچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس؛

شۇنداق دۇنيادا، مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق سەپىرىدە تارىخىنىڭ جىددىي ۋە ھالقىلىق باسقۇچلىرىدا ئۆتكۈچى يول ۋە ۋاقىتلىق پەللىلەرنى تاللىغانلىقىنى بىلىمىز، ئەمما بۇ تاللاش، شۇ مىللەتنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى سەركىلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ جىددىي باش قاتۇرۇشى ۋە مىللەتنىڭ تەستىقى بىلەن بولىدىغان ئىش؛ ھەرگىز بىر مۇكاپاتنىڭ ئىلھامى ياكى قىززىقتىرۇشى، بىر شەخسنىڭ خىيالى ياكى يېقىنىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئەمەس.

ئەمدى ئىلھام توختىنى تونۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىغا كېلەيلى:

ئىلھام توختى روھىي دېگىنىمىز:
زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكارلىق،
تەھدىتكە باش ئەگمەسلىك،
ھەق يولدىن ئارقىسىغا چېكىنمەسلىك،

مانا بۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە گەۋدىلەندۈرۈلسە بولىدىغان ئونۋېرسال ئۇلۇغلۇقلار. ئىلھام توختىمۇ خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئەمەس، شۇ تەكلىپلەرنى سۇنىۋاتقان چاغدىكى جاساسەت ۋە پاراسىتى بىلەن تەخت قۇردى. ئىلھام توختىدىكى بۇ ئونۋېرسال ئۇلۇغلۇقنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن تەھدىتلەر، بۇ تەھدىئىتلەرگە قارشى ئۇنىڭ مەردانە ئىنكاسلىرى، خىتاي ئۇنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغاندىمۇ، ئۇنىڭ يەنە مىللەتنى ئۇمىدۋارلىققا چاقىرغانلىقىدىن ئىبارەت يۈزلەرچە پاكىت ۋە تەپسىلاتلار بار، مۇشۇلارنى تىلغا ئېلىشىنىڭ ئۆزى كۇپايە. ئۇنىڭ تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلىرى، خىتاينىڭ ھەقىقەتنى ياقلىغۇچىلارنى مۆتىدىل يول تۇتسىمۇ پەرقلەندۈرمەيدىغانلىقىدەك ۋەھشىلىكىنى پادىلەشكە توغرا كەلگەندىلا تىلغا ئېلىش لازىمكى باشقا ۋاقىتتا زۆرۈرىيىتى يوق.

يەنى ئىلھام توختىنى تونۇشتۇرۇشتا باشتىن ئاخىر شۇ نۇقتا ئېنىق بولۇشى كېرەك: ئىلھام توختى ھەققانىيەتچى بىر زىيالىي، ئۇنى بىر ئۆكتىچى زات دەپ ئاتاش مۈمكىن، ئەمما ئاپتونۇمچى ئەمەس.

ئەلۋەتتە چەتئەللىك دوستلىرىمىزنىڭ ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان ۋە كۆرسەتمەكچى بولغان بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ئەمما ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرمەسلىك يەنى“ ئۇيغۇر خەلقى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدۇ“ دەيدىغان خاتا تونۇشتۇرۇش بەدىلىگە ئېلىپ بارسا، ئۇلارنىڭ پېشىنى تارتىش ھەققىمىز بار، چۈنكى ئۇنداق بىر ھەركەت، ئالدى بىلەن ئىلھامنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ، چۈنكى ئۇ مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن ئۈستۈن بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا بۈگۈن تۈرمىدە.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۈگۈنگە قەدەر مۇستەقىللىق غايىسىنى بەزىدە ئوچۇق ، بەزىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دېگەندەك ۋاستىلىك ئىپادىلەپ كەلدى. ئەمما ھىچ بىر تەشكىلات ئاپتونومىيە تەلىپى بىلەن ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقمىدى؛ ئەلۋەتتە بۇ ئوي ۋە كويدىكىلەر يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، مىللىي ئىرادىنىڭ ھەيۋىسىدىن، جامائەت پىكرىدىن قورقۇپ جۈرئەت قىلالمىدى. جامائەت پىكرىنى چوڭ بىلمەي قاراملىق قىلغانلار ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوينىدىن سۈپۈرۈپ چىقىرىلدى. بىر مىسالى قىرغىزىستاندا. ئەمدى نۆۋەتتىكى پۇرسەتتە ئاپتونومويىئە چۈشىدىكى كىشىلەر ئىلھام توختىنى تونۇشتۇرۇش باھانىسى بىلەن، ئىلھام توختىنىڭ قەلىمى ۋە ئېغىزى بىلەن سەھنىگە چىقماقچى ۋە ئاپتونومىيەنى ياشناتماقچى بولۇۋاتقانلىقى بايقالسا جامائەت دەرھال تىزگىنلىشى كېرەك، بۇ تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە چۈشىدۇ

مەنبە

Facbook

Share
1015 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.