logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ 2012-يىلدىكى خىتايچە ئاۋاز خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ تەقىب ئاستىدىكى ھاياتى

images (4)

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2017-يىل 15-يانۋار يەنى خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتايچە تورىدا ئىلھام توختىنىڭ ئۆزىگە خەۋپ كېلىش ھەققىدىكى خىتايچە ئاۋاز خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. مۇخبىرىمىز مېھرىباندىن مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئۆزىنىڭ تەقىبگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىلگىرى رادىيومىزغا قالدۇرغان ئۇيغۇرچە ئاۋاز خاتىرىلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

2012-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرى يەنى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنىشتىن 2 يىل ئىلگىرى ئاۋازغا ئېلىنغان ئۈن خاتىرىسىدە، ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ۋە ئۆزى قۇرغان ئۇيغۇربىز تورىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئۇ قىلمىغان جىنايەتلەرنى ئارتىپ ئۇنى تۇتقۇن قىلسا ياكى ھاياتى قەستكە ئۇچرىسا، خىتاي تىلىدىكى بۇ ئاۋاز خاتىرىسىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسىدە ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز تەنقىدلىگىنى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس دەپ قارىلىپ، مەكتەپتە دەرس بېرىشىنى توختىتىش، ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق، پاسپورتىنى تارتىۋېلىشتەك جازالارغا ئۇچرىغانلىقى ھەمدە نەزەربەندكە ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن چەتئەللەردە ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشالمايدىغانلىقى، چەتئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن ئىلمىي مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە بىرقانچە قېتىم خىزمەت تەكلىپى ئالغان بولسىمۇ بارالمىغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردە تۈرلۈك بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ ‹چاي ئىچىش› باھانىسىدە سوراق قىلىشى ئادەتتىكى ئەھۋال ئىكەنلىكى، ھەتتا پۇقراچە ساقچىلارنىڭ ئۇنى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت قىلغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقان.

2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىلھام توختى ئەپەندى رادىيومىز زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان كۆپ ۋاقىتلاردا، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ھەر ۋاقىت دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ ئۇنى ‹چاي ئىچىش› نامىدا سوراق قىلىشى ۋە تۇرالغۇسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشى ئاستىدا ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىلھام ئەپەندى 2013-يىلى 7-ئاي مەزگىلىدە ئۆزىگە خەۋپ كېلىش ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە ئاۋاز خاتىرىسىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ھاۋالە قىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئاۋاز خاتىرىسى 2014-يىلى 31-يانۋار كۈنى يەنى ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن رادىيومىزدا ئېلان قىلىنغان.

ئىلھام ئەپەندى بۇ ئاۋاز خاتىرىسىدىمۇ ئۆزىنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ۋە ئۇيغۇربىز تورى قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ھەر خىل تۆھمەتلەرنى ئارتىپ قاماققا ئېلىش، ئۇنىڭ نامىنى سېسىتىش ھەتتا ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى، مېڭىسىگە قان چۈشۈش قاتارلىق تۇيۇقسىز قوزغالغان كېسەللەر سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى ۋە ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىشى، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بۇ ئاۋاز خاتىرىسىنى ساقلاپ قويۇشىنى ھاۋالە قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، 2014-يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-01192017115308.html

Share
1542 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.