logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ «يولۇم ۋە غايەم» ناملىق كىتابى نەشىردىن چىقتى

UYGUR (4)

پىروفېسسور دوكتور ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر مەسلىسى ۋە خىتاينىڭ ھەققىتى ھەققىدىكى پىكىر – قاراشلىرى تەپسىلى بايان قىلىنغان كىتابى تۈركچە «Yolum Ve Gayem – Uygur Türkleri Ve Çin Meselesi» دېگەن نام بىلەن ئىستانبۇلدا نەشىردىن چىقتى.

ئىلھام توختىنىڭ «يولۇم ۋە غايەم» ناملىق كىتابى نەشىردىن چىقتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھام توختىنىڭ «يولۇم ۋە غايەم» ناملىق كىتابى نەشىردىن چىقتى
تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئىنتېرنېت گېزىتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:
ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ساداسى شۇنداقلا دېموكراتىيە ۋە قانۇن ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى دەپ تۇنۇلغان بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر مەسلىسى ۋە خىتاينىڭ ھەققىتى ھەققىدىكى پىكىر – قاراشلىرى تەپسىلى بايان قىلىنغان كىتابى تۈركچە «Yolum Ve Gayem – Uygur Türkleri Ve Çin Meselesi» «يولۇم ۋە غايەم، ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە خىتاي مەسلىسى» دېگەن نام بىلەن ئىستانبۇلدا نەشىردىن چىقتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق تەلەپ كۈرىشىدە سېمۋۇلغا ئايلانغان ھەمدە «ئۇيغۇرلانىڭ 20 – ئەسىردىكى ماندىلاسى» دەپمۇ نام ئالغان پىروفېسسور دوكتور ئىلھام توختى ھازىر ئۈرۈمچىدە قاماق جازاسىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. شۇنداقتىمۇ ئىلھام توختىنىڭ بارلىق ناچار شارائىتلارغا قارىماستىن قانۇنىي ھەق تەلەپ كۈرىشىنى تۈرمىنىڭ ئىچىدە جاسارەت بىلەن داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
پىروفېسسور دوكتور ئىلھام توختى بېيجىڭدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد ۋە قانۇن پىروفېسسورى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنى ۋە رايونلۇق ئاپتونوم قانۇنىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىلمەيۋاتقانلىقىنى دەلىل پاكىتلىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قولغان ھەمدە تولۇق يۈرگۈزۈلىشى ئۈچۈن تاكى قولغا ئېلىنغانغا قەدەر 20 يىل ئىزچىل تۈردە قەلەم بىلەن كۈرەش قىلغان ئىدى. بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر – قاراشلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇلار ئۇنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانى» دەپمۇ ئاتىغان ئىدى.
پىروفېسسور دوكتور ئىلھام توختى 2014 – يىلى 5 – يانۋاردا بىيجىڭدىكى ئۆيىدە تۇيۇخسىز قولغا ئېلىنغان ۋە 2014 – يىلى 19 – سىنتەبىردىن 23 – سىنتەبىرگىچە ئۇرۇمچى رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتتا بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇ ھازىرمۇ تۈرمىدە.
سوت جەريانىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مەركېل ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامىرون ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەت ئەرباپلىرىدىن باشقا يەنە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق غەرب ۋە ياۋروپا ئەللىرى ۋەكىللىرى پىروفېسسور دوكتور ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز چاقىرىقلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئىستانبۇلدا نەشىردىن چىققان بۇ كىتاپ 304 بەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر مەسلىىسگە نىسبەتەن يېڭىچە تونۇشقا ئىگە قىلىدۇ. كىتاپتا ئۇيغۇر مەسلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە يېڭى پىكىر – تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
خىتاي دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ھەق – ھوقۇقلارنىڭ تولۇق جارى قىلىدۇرۇلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى يۈزىسىدىن ناھەق تۆھمەتلەر بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى تۈركىيەدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغان ئىدى. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى يورۈتۈپ بېرىشتە بۇ كىتاب مۇھىم ۋە بىردىن -بىر ئىشەنچلىك مەنبە بولۇپمۇ قارالماقتا
http://www.trt.net.tr/uyghur/%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83-%D8%AF%DB%87%D9%86%D9%8A%D8%A7%D8%B3%D9%89-%D8%AE%DB%95%DB%8B%DB%95%D8%B1%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89/2015/09/05/%D8%A6%D9%89%D9%84%DA%BE%D8%A7%D9%85-%D8%AA%D9%88%D8%AE%D8%AA%D9%89%D9%86%D9%89%DA%AD-%C2%AB%D9%8A%D9%88%D9%84%DB%87%D9%85-%DB%8B%DB%95-%D8%BA%D8%A7%D9%8A%DB%95%D9%85%C2%BB-%D9%86%D8%A7%D9%85%D9%84%D9%89%D9%82-%D9%83%D9%89%D8%AA%D8%A7%D8%A8%D9%89-%D9%86%DB%95%D8%B4%D9%89%D8%B1%D8%AF%D9%89%D9%86-%DA%86%D9%89%D9%82%D8%AA%D9%89-323836
Share
1890 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.