logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ مارتېن ئەننالس مۇكاپاتى نامزاتلىقى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2eca5c61-349a-4460-b8e8-2102e945dc43

ئەكرەم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

27-ئاپرېل خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ مارتېن ئەننالس مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلھام توختىنى قوللاش سادالىرى يەنە كۈچەيدى.

ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. شۇندىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىغا خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ئىگە چىقىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى يولىدا تۈرلۈك شەكىللەردە پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.

27-ئاپرېل خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ مارتېن ئەننالس مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈرلۈك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرنىڭ ئىلھام توختىنى قوللاش سادالىرى كۈچەيدى. ئىلھام توختىنىڭ مارتېن ئەننالس مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشى خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىنىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن، مەتبۇئاتلار خىتايدا ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ كۈنسېرى قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە ئىدى.

تۈرك سەھىپىلىرىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىجدانى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ مارتېن ئەننالس مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشىگە قارىتا ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ خەلقئارا مۇكاپاتلارغا نامزات بولۇش ئەھۋاللىرىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا ھىمايىگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن ھاننو شېدلەر ئەپەندى بولسا ئىلھام توختىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ياراملىق سىمۋولى» دەپ ئاتىدى. ئۇ سۆزىدە: «ئىلھام توختى مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئەركىنلىك مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى دېمەكتۇر. ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارادا جىددىي تېما سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياۋى مەسىلە ھالىغا كەلتۈرۈشتە زور رول ئوينايدۇ» دېدى.

26-ئاپرېل بېرلىندىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى مەسىلىسى يىغىنىدا، رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنىۋەرجان ئەپەندى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەمدە كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلارنىڭ بارغانسېرى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلۈۋاتقان بىر مۇھىتتا، ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇش ئېھتىمالىنىڭ زورلۇقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا نامزات كۆرسىتىلىشى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە يەنە بىر قېتىم باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فىرانسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم بولسا، ئىلھام توختى مەسىلىسى يالغۇز بىر ئۆكتىچى زىيالىينىڭ كۆز قاراش مەسىلىسى ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىك مەسىلىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىنى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتى سانالغان ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرۈش ئىلھام توختى گۇرۇپپىمىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولۇشى لازىم. ئىلھام توختى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بىر زىيالىي. مارتېن ئاننەلس مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشى، ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدىلىگە بېرىلگەن مۇۋاپىق بىر باھا ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە خەلقئارادىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە قىزىقماقتا. ئىلھام توختى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلارغا كۆز يۈگۈرتمەكتە. مۆتىدىل پىكىردىكى بىر ئۆكتىچى زىيالىي ئۇچرىغان بۇ بەختسىزلىكتىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي كارتىنىسىنى كۆرمەكتە. بۇ دېگەنلىك، ئىلھام توختى تۈرمىدە تۇرۇپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا، دېگەنلىكتۇر.»

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە قەھرىمانغا ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكىگە بولغان ئۈمىد-ئىستەكلىرىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-05042016144543.html

Share
1385 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.