logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى ئائىلىسىگە يەتكۈزۈلدى

 

ball-443852_960_720-2

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

11-ئۆكتەبىر كۈنى 2016-يىللىق مارتىن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان ئىلھام توختىغا بېرىلىشى، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى دەپ تەرىپلەندى. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا تۈرمىدىكى ئىلھام توختىغا مەزكۇر مۇكاپات بېرىلگىنىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسا، دۆلەت ئىچىدە ئىلھام توختىغا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلدى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇنداق شارائىتتا ئىلھام توختىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتىدە تۇرۇۋاتقان، ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپات ساھىبى، تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خۇ جيا ئارقىلىق ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىگە يەتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 3 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىلھام توختىغا 2016-يىللىق «مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنىپ، مۇكاپاتنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەر دادىسىغا ۋاكالىتەن جەنۋەگە بېرىپ تاپشۇرۇۋالدى. ئەمما، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسى يەنىلا قاتتىق نازارەت ئاستىدا بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم، مۇكاپات بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمايلا قالماستىن، ھەتتا بېيجىڭدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىنمۇ مەھرۇم قىلىنغانلىقى مەلۇم.

مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، خەلقئارا ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ خىتايدىكى بىردىن-بىر ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى، ئۆز بېشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان پېشكەللىكلەرگە قارىماستىن، ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرىنى ئۇنىڭ بېيجىڭدا قاتتىق نازارەت ۋە تەقىب ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئائىلىسىگە يەتكۈزگەن.

2008-يىللىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى بىلەن 13-ئۆكتەبىر ئەتىگەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىمىز بولدى.

تېلېفوننىڭ ئەركىن ئاسىيا ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن ئۇرۇلغانلىقىنى بىلگەن خۇ جيا ئەپەندى 11-ئۆكتەبىر كۈنى ئىلھام توختىنىڭ مارتىن ئەننالىست مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەن ھامان خەۋەرنى تېلېفون ئارقىلىق، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىگە يەتكۈزگەن چاغدىكى ئەھۋالنى بايان قىلدى.

خۇ جيا مۇنداق دېدى: «مەن ئىلھام توختىنىڭ مارتىن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئالغان ھامان، شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئىلھامنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇرغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدۈم. ئەلۋەتتە ئىلھامنىڭ ئائىلىسى نازارەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئائىلىگە ئۇرۇلغان ھەرقانداق تېلېفوننى ئۇلار ئاڭلايدۇ، تېلېفون مەزمۇنىمۇ خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ. گۈزەلنۇر ۋە بالىلارنىڭ بۇ خەۋەر سەۋەبىدىن بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. شۇڭا مەن ئاۋۋال ئىلھامنىڭ بالىلىرى بىلەن قىسقىلا ئەھۋال سوراشتىم، ئاندىن ئىلھامنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرغا خەۋەرنى يەتكۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئاگاھلاندۇردۇم… مەن مۇنداق دېدىم “ سىز ھازىر مەن يەتكۈزمەكچى بولغان خەۋەرگە تېلېفوندا ئىنكاس قايتۇرماڭ، ئەمما ئىككى ئوغلىڭىز بىلەن بىرلىكتە بۇ خەۋەرنى تەبرىكلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، سىزنىڭ تۈرمىدىكى ئېرىڭىز ئىلھام توختى بۈگۈن يەنە بىر قېتىم مۇھىم مۇكاپاتقا يەنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى! دۇنيا ئىلھام توختىنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ!“»

خۇ جيا ئەپەندى گۈزەلنۇرنىڭ ئېرى ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى تېلېفوندا ئاڭلىغان چاغدىكى ئىنكاسىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: «خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن گۈزەلنۇر بىردەم جىمىپ كەتتى…. ئۇ تېلېفوندا ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئەمما، مەن گۈزەلنۇرنىڭ تېلېفوندىكى ئاۋازىدىن ئىلگىرىكى چاغلاردىكىدەك مەيۈسلۈك ئەمەس، ھاياجانلىق، خۇشاللىق كەيپىياتنى ھېس قىلدىم… ئۇنىڭ بۇ خەۋەردىن سۆيۈنگەنلىكىنى، ھاياجانلانغانلىقى ۋە ئىلھام توختىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. گۈزەلنۇر خەلقئارا جەمئىيەتكە رەھمەت ئېيتىدىغان تەشەككۈر سۆزلىرىنى قىلمىدى. ئەمما،ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا “ كىشىلەر ئىلھامنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ!“ دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.»

2014-يىلى 15 يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە كېيىن دائىرىلەر تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتى ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان، بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن خۇ جيا، تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋوئىسېر، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشۇڭ قاتارلىقلار ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش چاقىرىقلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتايدا پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2008-يىلى دائىرىلەر تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ 2008-يىللىق ساھىبى بولغان خۇ جيا ئەپەندى يەنە، ئىلھام توختىنى 2016-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

خۇ جيا ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئىلھام توختىنىڭ «مارتىن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى»، «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا كۆرسىتىلىشى ۋە ئېرىشىشىنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولغان ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختالدى.

خۇ جيا مۇنداق دېدى: «مەن ئىلھام توختىنىڭ مارتىن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ھەر جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئىلھامنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئېرى 3 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان شارائىتتا، ئىلھام توختىغا بۇنداق بىر مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشى، ھەر جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچراۋاتقان، قورقۇنچ ۋە دەككە‏-دۈككە ئىچىدە ياشاۋاتقان، ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان گۈزەلنۇر ئۈچۈن بىر زور تەسەللى. بۇ خىل مۇكاپاتلار گۈزەلنۇرغا ئېرى ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن بىر قەھرىمانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئىلھام توختىنىڭ تېزرەك ئەركىنلىككە چىقىشىغا بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىدۇ. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلاردىنمۇ تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى ھۆرمەتلىك دالاي لاماغا ئوخشاش خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن مەشھۇر كىشىلەر چىقىشى زۆرۈر! ئىلھام توختىغا مارتىن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ بېرىلىشى ئۇنى ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ھۆكۈمەت ئۈچۈن زور بېسىم پەيدا قىلدى.  ئىلھام توختى ئەپەندى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى»، «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» قاتارلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشى كېرەك، چۈنكى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇكاپات ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرى ۋە كۈرەشلىرىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10132016150949.html

Share
1321 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.