ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ قەينى ئاتىسى پەيشەنبە كۈنى ۋاپات بولغان. تور خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئىلھام توختىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، يار بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆلۈم پەتىسى قىلىپ، ھازىداردىن ھال سورىشىغا چەكلىمە قويغان.
ئىلھامنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىدىكى بىر ئۇرۇق-تۇغقىنى رادىئومىز مۇخبىرىغا مەرھۇمنىڭ كېسەل سەۋەبلىك پەيشەنبە كۈنى ۋاپات بولغانلىقىنى، ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ خەۋەرنى ئالغان ھامان كېچىلەپ يولغا چىقىپ يۇرتىغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ مېيىتنى ئۇزىتىشقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىش -قىلماسلىقى مەلۇم ئەمەس. ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لىيۇ شاۋيۈەننىڭ قارىشىچە، نورمالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مەھبۇسلارنىڭ مېيىت ئۇزىتىشقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىلھامغا ئوخشاش بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن سىياسىي مەھبۇسلارغا رۇخسەت قىلىش ئېھتىماللىقى يوقكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلى ئىلھام توختىنى مىللىي قۇتراتقۇلۇق، بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان. بىراق خىتاي سوتىنىڭ قارارى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-03272015163745.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.