logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر: دادام ئىلھام توختى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىمەن

image (1)  مېھرىبان ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، 23-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە ئاچقان سوتىدا «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دادىسى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 25-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى جەۋھەر سۆزىدە دادىسىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى روھى ھالىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى «دادام ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا كۆڭلۈم يېرىم بولدى، يىغلىدىم، ھەتتا شۇ كۈنى تۇيۇقسىز قىزىپ كەتتىم. قىزىتمام 39 گرادۇسقا چىقتى. ئۆگەي ئاپام گۇزەلنۇرنىڭمۇ ئەھۋالى ياخشى ئەمەسلىكىنى خەۋەرلەردىن ئاڭلىدىم. ئەمما ئۇنىڭغا تېلېفونۇم ئۇلانمىدى. ئۇلارنىڭ دادامنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى گۈزەلنۇر ھەدەمنىمۇ ئاغرىتىپ قويدى. ئەمما دادام دېگەندەك مەن قەيسەر بولۇشۇم كېرەك. چۈنكى، ھازىر يىغلايدىغان ۋاقتىمىز ئەمەس، بەلكى دادامنىڭ گۇناھسىزلىقىنى دۇنياغا ئىسپاتلايدىغان ۋاقتىمىز. شۇڭا سىزنىڭ زىيارىتىڭىزنى قوبۇل قىلىۋاتىمەن. تۈنۈگۈن ئىندىئانا تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادامنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى دېدىم ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن دادامنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا، كۆپ قېتىم يۆتەلگەنلىكى سەۋەبىدىن گەپلىرى ئۈزۈلۈپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جەۋھەرنىڭ روھى ھالىتى يەنىلا كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. ئۇ بۇ روھنى دادىسى ئىلھام توختىدىن ئالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنداق شارائىتتا غەيرەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى، تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغانلىقىنى ۋە دادىسىنىڭ تېزرەك ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ئۆزى كۆرسىتەلىگۈدەك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى «مەن يەنىلا ئۈمىدۋار بولۇشقا، غەيرەتلىك بولۇشقا تىرىشىۋاتىمەن، بۇندىن كېيىنمۇ ئەلۋەتتە قەيسەر بولۇشقا تىرىشىمەن. مەن بۇ روھنى دادامدىن ئالدىم. يېقىنقى يىللاردا دادام دائىم تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنىپ تۇردى. ھەر قېتىم ئۇلار ئۇنى سوراق قىلىپ ئۆيگە قايتۇرغىنىدا دادام بىزگە غەيرەتلىك بولۇشنى، يىغلىماسلىقنى ئېيتاتتى. مەن بۇ خىل قەيسەرلىكنى شۇ يىللاردا يېتىلدۈردۈم. شۇڭا ھازىرمۇ يىغلىمايمەن. چۈنكى ھازىر يىغلايدىغان ۋاقىت ئەمەس. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى تونۇيدۇ. ئۇلار گۇناھسىز دادامنى تۇتقۇن قىلىپ، جازالىماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۇ ئىشتا خاتا قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت ئۆز خاتالىقىنى تونۇمىسا، بىز ئۇنىڭغا خاتا قىلغانلىقىنى تونۇتىمىز. مەن ئۇلارنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى تونۇتۇشقا تىرىشىمەن. مەن دادامنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىغا ئىشىنىمەن ۋە دادامنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈم قىلالىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا تەييار. تىرىشىپ ئوقۇيمەن، دادامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن جەۋھەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆگەي ئاپىسى گۈزەلنۇر دادىسى ئۈستىدىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغاندىن بۇيان، جەۋھەرنىڭ گۈزەلنۇر خانىمغا ئۇرغان تېلېفونلىرى ئۇلانمىغان. ئۇ پەقەت ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىرىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىقلا دادىسى ئىلھام توختى ۋە ئاپىسى گۈزەلنۇرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. جەۋھەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادۋوكات ئۇنىڭغا گۈزەلنۇر خانىمنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە بېيجىڭغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان جەۋھەر بايانىدا يەنە، گەرچە دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى، بۇ ئائىلىنىڭ بارلىق مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىدەك يامان خەۋەر ئۆزىنى قاتتىق ئازاپلىغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دادىسى ئىلھام توختىغا ۋە بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى ئۆزىنى تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى: «ھازىر دادامنى ياخشى بىلىدىغان دوستلار، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ھەممىسى دادامغا، بىزنىڭ ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. مانا بۇ دادامنىڭ خاتا قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مەن بۇ ئەھۋالدىن بەك تەسىرلەندىم. مەن دادامدىن پەخىرلىنىمەن. ئىلھام توختىنىڭ قىزى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. دادام ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرى ئۈچۈن سۆزلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. ئۇ پۈتۈنلەي گۇناھسىز. مەن دادامنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، دادام ئۈچۈن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ئادالەتكە چاقىرغان بارلىق كىشىلەرگە، تەشكىلاتلارغا، دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە خەلقئارانى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دادامنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىمەن http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/jewher-ilham-09252014160520.html

Share
2368 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.