logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام ئامىرىكا كونگىرەسىدە

Cevher Tohti

 

ئۇيغۇر قانۇن ھەركىتىنىڭ يولباشچىسى،دۇنياغا تۇنۇلغان ئۇيغۇر سىياسۇن،تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر توختى 2014.يىلى 4.ئاينىڭ 8.كۈنى ئامىرىكا كونگىرىسى كادىرلار كومىتىتى خىتاي بۆلۈمى تەرىپىدىن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان “ئىلھام توختى توغرۇلۇق ئىسپات بىرىش” يىغىنىغا قاتناشتى ۋە دادىسى ئىلھام توختى ھەققىدە ئىسپات بەردى

جەۋھەر ئىلھام بۇ يىل 19 ياشتا بولۇپ ئامىرىكىنىڭ ئىندىيانا ئۇنىۋەرسىتىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسىدۇر.
جەۋھەر يىغىندا ؛ دادام ئۇچۇق سۆزلۈك سەمىمى بىر ئاكىدەمىسيەن.خىتاي ھۈكۈمىتى ھەچقانداق دەلىل-ئىسپاتى بولماستىن دادامنى “بۆلگۈنچىلىك ۋە نەپرەتكە قۇتۇرتۇش،تىرورىزىمنى قوللاش” دىگە جىنايەت بىلەن ئەيىپلاپ تۇتۇپ كەتتى.خىتاي ھۈكۈمىتى دادامنى ئۆلۈم جازاسى تەلىپى بىلەن سوتلايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بىرىۋاتىدۇ.خىتايدا تۇتۇپ كىتىلگەن تالايلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش،داداممۇ ئادىل سوتلىنىش شەرت-شارايىتىدىن  مەھرۇم

جەۋھەر ،3 ۋە 7 ياشلىرىدىكى 2 ئۇكىسىنىڭ پىسخولوگىيەسىنىڭ بۇزۇلۇپ كىچىلىرى يامان چۈش كۈرۈپ چۇچۇپ ئويغىنىپ كەتىپ يىغلايدىغان بولۇپ قالغانلىغىنى،چۈنكى،دادىسىنى خىتاي ساقچىلىرى ئۇرۇپ،قوللىرىنى قايرىپ كويزا سەلىپ،دۈشكەلەپ ئەلىپ ماڭغاندا 2 ئۇكىسىنىڭ بۇ مەزىرىلەرنى كۆرۈپ قورقۇپ يىغلىشىپ كەتكەنلىگىنى ئەيتقاندا يىغىن ئەھلىنىڭ بىر قىسمى كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.
ئىلھام توختى 2014يىلى 1.ئاينىڭ 15.كۈنى 40 تىن ئارتۇق خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن بەيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتىلگەن بولۇپ،ھازىر ئۇرۇمچىدە تۇرمىدا ئىكەنلىگى بىلىنمەكتە.خىتاي ھاكىمىيىتى ئىلھام توختىنىڭ ئاىلىسى ۋە ئاۋدۇكاتىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىش تەلىۋىنى بىردەك رەت قىلىپ كەلمەكتە
ئىلھام توختى ئۆتكەن ھەپتە دۇنيا يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەركىنلىك شەرەپ مۇكاپاتىغا ئەرىشكەن ئىدى
مەنبە

ب ب س خىتايچە
ئەركىن ئاسىيا ردىيوسى: ئىنگىلىزچە

Share
3560 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.