logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ سوتىدىن ئىلگىرى7 – سېنتەبىر يىغىن ئېچىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

image

مېھرىبان 

ئىجتىمائى ئالاقە تورلىرىدىن تۋىتېردا 26 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ 7 – سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر قانۇن قوغدىغۇچىسى ئىلھام توختى سوتىدىن ئىلگىرى يىغىن ئاچىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، ئىلھام توختى دېلوسىدىكى ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن چەنيۈ تورىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

چەنيۈ تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىلھام توختى دېلوسىدىكى ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن 26 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىن كەلگەن تېلېفوندا، دائىرىلەر ئىلھام توختى سوتىدىن ئىلگىرى ئاچىدىغان يىغىننىڭ 7 – سېنتەبىر چۈشتىن ئاۋۋالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن

تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارا تەنقىدلەپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس دەپ قارىلىپ تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇ بۇ يىل 15 – يانىۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. خەلقئارادا 8 ئايدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىغا «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرىنى ئارتىپ، ئۇنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشكەن ئىلھام توختى ئۆزىگە ئارتىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-sot-08262014212021.html

Share
1448 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.