logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتناشتۇرۇلمايدىغانلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

201406262109china1

 مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختى ئەپەندى دېلوسىدىكى ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن 1-سېنتەبىر كۈنى چەنيۈ تورىدا، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتناشتۇرۇلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى تورداشلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا چىقىپ شۇ يەردە يەرلىشىپ قالغان ئابدۇللا مۇخسىن ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنى ھەتتا خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بىر مەھبۇس ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان قانۇنىي ھوقۇقتىنمۇ مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئىلھام توختى ئەپەندى دېلوسىغا مەسئۇل ئادۋوكاتلاردىن ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن 7-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭمۇ خىتايدا بەلگىلەنگەن «ئەيىبكارنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتنىشىش ھوقۇقى بار» دېگەن قانۇنىي بەلگىلىمىگە ئاساسەن قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ئۇ، دۈشەنبە كۈنى چەنيۈ تورىدا ئېلان قىلغان «ئىلھام توختى سوتىدىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتناشتۇرۇلمايدىغان بولدى» دېگەن خەۋىرىدە، 1-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئۇنىڭغا «ئىلھام توختىنىڭ سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقى» نى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىلھام ئەپەندىنى بىر مەھبۇس بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقتىنمۇ مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن چەنيۈ تورىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەن ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم سوتتىن ئىلگىرى ئېچىلىدىغان يىغىنلارغا قاتناشتىم. بۇ يىغىنلارنىڭ ھەممىسىدە ئەيىبلەنگۈچىلەر ئۆز دېلوسى ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتناشتۇرۇلاتتى. مەسىلەن، ئىلگىرى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ليۇ جىجۈن سوتىدىن ئىلگىرى ئېچىلغان يىغىنغا قاتناشقان. نېمە ئۈچۈن ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ؟ ئەيىبلەنگۈچى ئىلھام ئەپەندى قاتناشتۇرۇلمىغان بۇنداق يىغىننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟» دېگەن.

ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندى ئىلھام ئەپەندىنىڭ 7-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتناشتۇرۇلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تۋىتېر تورىغىمۇ يوللىغان بولۇپ، تۋىتېر تورىدىكى تورداشلار دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ ئىنكاس قايتۇردى. بەزىلەر «ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى، خىتايدا ھەتتا قانۇن ئىجرا قىلىدىغان سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭمۇ قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش كۆرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، يەنە بەزىلەر «خىتايدا سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ مەھبۇسلار ئىگە بولىدىغان ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلاردىنمۇ مەھرۇم قىلىنىشى، خىتايدا قانۇننىڭ پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلىدىغانلىقى، خىتايدىكى قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنى باستۇرۇشىدىكى قورالى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن

يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلاردىن، نۆۋەتتە قازاقىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئابدۇللا مۇخسىن ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقنى سۆزلىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى

ئابدۇللا مۇخسىن ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىلھام ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ھەقىقەتنى سۆزلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇنى تۇتقۇن قىلدى، بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلدى» دېدى

ئابدۇللا مۇھسىن ئەپەندى، تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىمۇ تۇتقۇن قىلىشىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىگەن ھەرقانداق بىر كىشىنى دۈشمەن كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئابدۇللا مۇھسىن ئەپەندى يەنە، ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بېرىلگەن ئىلھام ئەپەندىنىڭ بايانلىرى ۋە ئۇ تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان بېرىلگەن خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئىلھام توختىغا چەكسىز ھۆرمىتى بارلىقىنى بىلدۈردى

ئابدۇللا مۇھسىن ئەپەندى يەنە، ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشتەك روھىدىن تەسىرلىنىپ، ئۆزى شائىر بولمىسىمۇ، ئىلھام ئەپەندىدەك مىللەت قەھرىمانىغا ئاتاپ يازغان «ۋەتەننىڭ ئىگىسى ۋەتەندىن چىقتى» دېگەن بىر كوبلېت شېئىرىنى ئوقۇپ بەردى

ھەقىقەتنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپسەن
سەن مەيدانغا ۋىجدان بىلەن چىقىپسەن
سەن ئۇيغۇرنىڭ باتۇر ئوغلى ئىلھامى
ۋەتەن ئۈچۈن ھۆرلۈك يولى ئېچىپسەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09012014211703.html

Share
1576 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.