logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى

7869bbda-694f-49a4-9831-eea14f8150e3

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى سۆيۈندۈردى.

مەلۇمكى، خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014-يىلى 15- يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

15-سېنتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىغا بىنائەن تۈركىيەلىك ژۇرنالىست جان دۈندار، ئۇكرائىنادىكى تاتار سىياسىيون مۇستافا جەمىلېۋ ۋە يەزىدى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نادىيە مۇراد قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىلھام توختىنىڭمۇ ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ تاللانغانلىقى جاكارلاندى. بۇ ئەلۋەتتىكى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق بىر خەۋەر بولۇپ تارالدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيە ياشاۋاتقان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، پەرھات مۇھەممىدى، ئۈمىد ئاگاھى ھەمدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىلشات ھەسەن، نۇرى تۈركەل قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا تەسىراتلىرىنى ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/saxarov-ilham-toxti-09192016153607.html

Share
1355 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.