logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىگە قامالغىنىغا 3 يىل بولدى

بۇ يىل 23-سېنتەبىر كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم بولغىنىغا توپ-توغرا 3 يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەللەردىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مۇراجىئەتنامە ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلدى شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىلھام توختىغا ئىگە چىقىشقا، ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا ئۈندىدى.

مەركىزى گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى 23-سېنتەبىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەم كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىدىغان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىلھام توختىنى تاشلىۋەتمەيدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى بايان قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى «خىتايدا ئۆزگىرىش» تور بېتىنىڭ مەسئۇلى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ساۋ ياشۆ خانىممۇ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ خىتاي سوتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئىلھام توختىنىڭ قاماققا مەھكۇم قىلىنىشى خىتايدىكى ئەڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق ۋەقەلىرىنىڭ بىرىدۇر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەر ۋاقىت بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، بەلكى ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى زۆرۈر. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پوزىتسىيەسىگە داۋاملىق تاقەت قىلىشنى توختىتىشى لازىم.»

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان فىرانسىيەلىك پروفېسسور، خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىممۇ بۈگۈن ئىلھام توختىنىڭ قاماق جازاسىغا مەھكۇم بولغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پىكىر بايان قىلدى ھەمدە ئىلھام توختىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچرىدى. بىز ئىلھام توختىنىڭمۇ خىتاي زىيالىيسى ليۇ شاۋبوغا ئوخشاش تۈرمىدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز. گەرچە ئۇ كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەشھۇر مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا تۈرمىدە. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇنلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن ۋەھىمىلىك. بىز خەلقئارا جەمئىيەتكە، ياۋروپا بىرلىكى ۋە ب د ت غا ئىلھام توختىغا ئىگە چىقىشنى، ئۇنى خىتاي تۈرمىسىدىن ھايات قۇتۇلدۇرۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشى لازىملىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.»

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە مارى ھولىزمان خانىملار 13-سېنتەبىر تەكلىپكە بىنائەن گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىگە بېرىپ، تىبەتلىكلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە دالاي لامادىن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىدە، ئىلھام توختىنى تېخىمۇ كۆپ ۋە مەشھۇر بولغان كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات كۆرسىتىش يولىدىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇمكى، ئىلھام توختى ئەپەندى ئاخىرقى ئىككى يىلدا بىر قاتار خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا مۇيەسسەر بولدى. تېخى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۇ، خەلقئارا لېبىراللار بىرلەشمىسىنىڭ 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. ئۇ يەنە بۇ يىل ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتى» غا نائىل بولدى ۋە «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلدى. ئۇ يەنە بۇ يىل گېرمانىيەنىڭ «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غىمۇ ئېرىشتى. ئۆتكەن يىلى ئىلھام توختى يەنە 2016-يىللىق «مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتى» غىمۇ ئېرىشكەن ئىدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى يوشۇرۇۋاتقان ھەمدە ئىلھام توختىغا ئوخشاش مۆتىدىل پىكىر ئېقىمىدىكى زىيالىيلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ، جۈملىدىن ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ بارغانسېرى خەلقئارادا ھېسداشلىقلارغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09252017142351.html

Share
1456 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.