logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ جىيەن قىزى ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دونتسېنتى ئىلھام توختى 2014-يىلى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىزچىل پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ جىيەن قىزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال  ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن جىيەن قىزى ئاتۇش شەھىرىدىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا سېسترا  بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىكەن. 2015-يىلى ئۇ سودىلىق ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا كوچىلاردا كىشىلەرنىڭ تېلېفونلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان خىتاي ساقچىلار ئۇنىڭ تېلېفونىدىن ئىلھام توختىنىڭ رەسىمى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى بىر پارچە خەۋىرىنى تېپىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇنى ئېلىپ كەتكەن ھەمدە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭغا مۇددەتلىك ئون يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، سوت تەرتىپى جەمئىيەتتىن مەخپىي تۇتۇلغان.

25-دېكابىر كۈنى رادىيومىز مۇخبىرلىرى ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغاندا سوت خىزمەتچىسىدىن بىرەيلەن «ئاشكارا قىلىشقا بولمايدىغان دېلولار ھەققىدە سۆز قىلالمايمىز. تەپسىلاتىنى توردىن كۆرۈپ بېقىڭ» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىتىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «ئىلھام توختى خەلقئارادا كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئولتۇرالماي قېلىۋاتىدۇ. بۇ قىزنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قانداق بىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بەكمۇ ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-12262017160059.html

Share
5815 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.