logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ تەقىب ئاستىدىكى ھاياتى-1

 

el-profesor-ilham-tohti-en-su-casa

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

23-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر تەرىپىدىن ‹مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك› بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئىككى يىل تولغان خاتىرە كۈن. 2014-يىل 15-يانۋار ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىر خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن بۇيان خەلقئارادا خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا كۆرسىتىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي دۆلىتى ئىچىدە تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بىردىن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى. ئەمما ئۇ ھەر قېتىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ھەتتا دۆلەت ئامانلىقى ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى رادىئومىزغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى بۇ قېتىم ئىلھام ئەپەندى بىلەن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن، ئۇنىڭ تەقىب ئاستىدىكى ھاياتى ھەققىدىكى تېلېفون خاتىرىلىرىنى رەتلەپ ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۇندۇق.

«مېنىڭ قىلىۋاتقىنىم ئىلمىي يول بىلەن، تىنچ يول بىلەن، قەلەم ئارقىلىق، سىياھ ئارقىلىق، دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، قانۇن ھوقۇقى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش. ئۇندىن باشقا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلدىم، مەيلى ئايرىم ئىنسان بولسۇن، مەيلى مەدەنىيەت ۋە دىن بولسۇن، ئۇيغۇرۇمنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلىپ كەلدىم. جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن ھەققانىيەتنى تەلەپ قىلدىم. مەن ھەرقانداق زوراۋان گۇرۇپپىغا قاتناشقىنىم يوق. مەن جۇڭگودا بىر تەشكىلاتمۇ قۇرمىدىم، لېكىن ئەتراپىمدا مېنى قوللايدىغانلار ئاۋۇدى.ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن يامان غەرەزدە پايدىلانسا بولمايدۇ. ھازىر ئەتراپ بەك جىددىي. نەچچە كۈن بولدى مەخسۇس 24 سائەت ساقچى ماشىنىسى، ئۇندىن باشقا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئادەملىرى بىر مىنۇتمۇ يېنىمدىن ئايرىلماي يۈرۈۋاتىدۇ. ھەتتا خالاغا كىرسەممۇ شۇنداق. نازارەتچىلىك بەك كۈچلۈك ھازىر. يېقىندىن بۇيان ئەتراپتىكى بالىلارغا بىر-بىرلەپ مەيلى خەنزۇ دوستلار بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر دوستلار بولسۇن، ئاۋارىچىلىك ئاۋۇۋاتىدۇ. مەن قارىسام بۇلاردا (بۇ ھۆكۈمەتتە)ماڭا نىسبەتەن بىر خىل يامان نىيەت بولۇشى مۇمكىن.كېيىن ياخشى كۈننىڭ يامىنى كەپ قالسا دەپ گەپ سىزگە سۆز قالدۇرۇشنى زۆرۈر دەپ بىلدىم.»

يۇقىرىقىلار ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 2014-يىلى 15-يانۋار قولغا ئېلىنىشتىن يېرىم يىل ئىلگىرى يەنى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى تۈن نىسپىي، ۋاشىنگتون ۋاقتى چۈش مەزگىلىدە رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، ئۆزىگە ھەر ۋاقىت تۇتقۇن قىلىنىش ھەتتا ئۆلۈم خەۋپى كېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە قالدۇرغان سۆزلىرى.

ئەينى چاغدا ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى رادىئومىزغا قىلغان مەزكۇر باياناتىنى يەنە بېيجىڭدىكى دوستلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن باشقا بىرقانچە خەلقئارا تاراتقۇلار مۇخبىرىغا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شۇ كۈنى ئوتتۇرىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى تاكى ئۇ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قارىلىنىپ قولغا ئېلىنىش، نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قەستكە ئۇچراش ھەتتا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۆلۈم خەۋپىگە يولۇققانغا قەدەر ئېلان قىلماسلىقنى ھاۋالە قىلغان ئىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ رادىئومىزغا ھاۋالە قىلغان مەزكۇر باياناتى، 2014-يىلى 15-يانۋار ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 2014-يىل 31-يانۋار كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدە بېرىلدى. مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى شۇ يىلى 2-فېۋرال كۈنى يەنە ئىنگلىزچىغا تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىنگلىزچە بېتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلدى.

ئىلھام توختى توختى ئەپەندى ئىلگىرى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە سۇنغان تەكلىپ-پىكىرلىرى، ماقالىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى سەۋەبىدىن 1994-يىلىدىن باشلاپلا دائىرىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىلھام ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 1969-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان، 1985-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدىكى تەتقىقات-ماقالىلىرى بىلەن ئازسانلىق مىللەت تەتقىقاتچىسى بولۇپ تونۇلغان. ئەمما ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزى ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە ئائىت سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى سەۋەبىدىن، مەكتەپ دائىرىلىرى 1999-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ئۇنى مۇنبەردە دەرس ئۆتۈشتىن چەكلەنگەن، 1999-يىلدىن بۇيان خ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئىلمىي-ماقالە ۋە باشقا ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشىنى چەكلىگەن. بۇ سەۋەبتىن ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى خىتايلارغا ۋە دۇنياغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە 2005-يىلى خىتايچە يېزىقتىكى ئۇيغۇر بىز تورى (uyghurbiz.net) نى قۇرۇپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا نەشر قىلىش چەكلەنگەن، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ماقالە-ئەسەرلەرنى مەزكۇر تور بېكىتىدە ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى دىئالوگ ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان. ئەمما بۇ تور 2005-يىلى قۇرۇلغاندىن تاكى 2014-يىلى ئىلھام توختى ئەپەندى قولغا ئېلىنغانغا قەدەر قەرەللىك ھالدا كۆپ قېتىم تاقىۋېتىلگەن ۋە خىتاي دۆلىتى ئىچىدە تۇرۇپ مەزكۇر تور بېكىتىدە ئەسەر ئېلان قىلغانلار ھەر خىل ئاۋارىچىلىكلەر ھەتتا قولغا ئېلىنىش قىسمەتلىرىگە ئۇچرىغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى 2008-يىلى ئولىمپىك مەزگىلىدە رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلىرى ۋاڭ لېچۈەن، نۇر بەكرى قاتارلىقلارنى ئاشكارا تەنقىدلىگەندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىغا قاراتقان نازارىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. بولۇپمۇ 2009-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش قېتىم سانى بارغانچە كۆپەيگەن.

2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دىن كېيىن، 7-ئاينىڭ ئاخىرى ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ ئۇنى بىر ئايدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىپ سوراق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ يەنە شۇ يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى تاقىلىپ، «دىيارىم»، «شەبنەم» ۋە «ئۇيغۇربىز» قاتارلىق تور بېكەت ساھىبلىرى ۋە تور يازارلىرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى «چاي ئىچىش» كە تەكلىپ قىلىپ، كېچە-كېچە ئۇخلاتماي سوراق قىلىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەمما ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ مەزگىللەردە ئۆزىگە كەلگەن ھەر خىل تەھدىت-بېسىم ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي، ئەركىن ئاسىيا ئۇيغۇر بۆلۈمى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىدىن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي سىياسەتنى قايتا قاراپ چىقىش، «5-ئىيۇل ۋەقەسى»نىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچى تور يازارلىرىغا ئارتىپ قويماسلىق، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» مەزگىلىدە ۋە شۇ يىلى 3-سېنتەبىر ۋە 7-سېنتەبىر كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى مەزگىلىدە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زوراۋانلىق ھۇجۇملىرىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان شۇنىڭدەك ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە خەلقئارانىڭ جىددىي دىققەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.

Share
1128 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.