logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ تەقىب ئاستىدىكى ھاياتى

 

İlham Tohti

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي دۆلىتى ئىچىدە تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بىردىن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى. مانا بۇ سەۋەپتىن ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ ھەر خىل تەقىپ قىلىشلارغا ئۇچراپ كەلگەن.2014 – يىلى 15 – يانۋار كۈنى 2014 – يىل 15 – يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 23 – سېنتەبىر خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىنى ‹مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك› بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. شۇندىن بۇيان خەلقئارادا، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئاشكارە تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىگە سولانغان ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش چاقىرىقى بارغانچە كۈچەيدى. ئىككى يىلدىن بۇيان ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغىمۇ كۆرسىتىلمەكتە. ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلىمى ئىلگىرى ئىلھام ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى سەۋەپلىك ئۇ ۋە ئائىلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە نازارەتكە ئېلىنغانلىقىغا ئائىت بىر قىسىم سۆھبەتلەرنى قايتا رەتلەپ ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۇندۇق. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ تەييارلىشىدىكى ”ئىلھام توختىنىڭ تەقىب ئاستىدىكى ھاياتى“نىڭ 2 – قىسمىدا بولسۇن.

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى ماقالە – ئەسەر نۇتۇقلىرى بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان ئىلھام توختى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس دەپ قارىلىپ ئەڭ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ 2014 – يىلى 15 – يانۋار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ،كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىش، سوراق قىلىنىش، ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىش قىسمەتلىرىگە يولۇققان. ئۇنىڭ خەلقئارادا ئېچىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقات يىغىنلىرى، چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرۇش قاتارلىقلارغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. ھەتتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى ئاتۇشقا بېرىپ، ياشانغان ئانىسى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى يوقلاش پۇرسەتلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان ئىدى.

2009 – يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5 – ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن، ئىلھام توختىغا قارىتىلغان نازارەت تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. بولۇپمۇ، 2013 – يىلىدىن باشلاپ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىلھام ئەپەندى ئۆزىگە قارىتىلغا نازارەتنى تەسۋىرلەپ «مەن ھازىر ئۆزۈمنى گويا ئۈستى ئوچۇق بىر تۈرمە ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇدا ھېس قىلىمەن، شۇڭا ئۆزۈمنى ئۇلار ماڭا جازا ھۆكۈم قىلىپ، تۈرمىگە تاشلىغاندىنمۇ ئېغىر ھالەتتە ھېس قىلىمەن»دېگەن ئىدى.

2013 – يىلى 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى، بېيجىڭ ئايرودرومىدا ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ تەتقىقات قىلىش سەپىرىدىن توسۇپ قېلىندى. ئەينى چاغدا دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ئەمدىلا ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەن قىزى جەۋھەر يالغۇز ھالدا ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى. 2 – فېۋرال خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندى ساقچىلار تەرىپىدىن 12 سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، 3 – فېۋرال كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىگە قايتۇرۇلدى.

بىرقانچە كۈنلۈك قاتتىق نەزەربەندتىن كېيىن، ئىلھام توختى ئەپەندى 7 – فېۋرال كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى تۈن نىسپىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ كۈنلەردىكى نەزەربەند ئىچىدىكى ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ، «شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ ساقچى ماشىنىسى مەن تۇرۇشلۇق بىنانىڭ ئاستىدا مېنىڭ بارلىق ئىش – پائالىيەتلىرىمنى نازارەت قىلىپ، 24 سائەت كۆزەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار مېنى ئامېرىكا سەپىرىمدىن توسۇپ قېلىپ نازارەت ئاستىغا ئالدى. مانا نەچچە كۈن بولدى. ئۆز ئۆيۈمدە نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇپتىمەن» دېدى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭ بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغاندىن باشقا يەنە ئىلھام توختىنىڭ يۇرتى ئاتۇشتىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا دائىرىلەرنىڭ ھەر خىل بېسىملىرىغا ئۇچراپ كەلگەن.

ئىلھام ئەپەندى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن كەلگەن بېسىم ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدا بەزى تالاش – تارتىشلارنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن داۋاملىق بېسىمغا ئۇچراپ كەلگەن ئاتۇشتىكى ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان ئاكىسى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تالاش – تارتىش يۈز بەرگىنىدە، ئۆزىنىڭ ئاكىسىغا ئېنىق قىلىپ، ئاكىسى بىلەن ئوخشىمىغان يولنى تاللىغانلىقىنى ۋە بۇ يولىدىن يانالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەقىپ ۋە نازارىتى ئاستىدا تۇرۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشىمىغان قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆز بېشىغا كېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر خىل بېسىم – ۋە خەۋپلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن ئىدى.

ئىلھام توختى: «بۇ خىل تەقىپ ۋە نازارەتكە ئۇچراش پەقەت مېنىڭلا بېشىمغا كەلگەن ئىش ئەمەس. بۇ مۇشۇ دەۋردە ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمىغان قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەرقانداق كىشىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قىسمەت. ئەمەلىيەتتە ھاكىمىيەتنىڭ ئىجراچىلىرى بولغان ساقچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنلىرىنى بۇزۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ خىل قىسمەت مۇشۇ دەۋردە بىزگە كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ دەپسەندە قىلغىنى، بۇزغىنى بىزنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىززەت – ئابرۇيى، كىشىلىك ھوقۇقى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار ھازىر ئۆزىنىڭ قانۇنىنى، ئۇلار ئۆز دۆلىتىنىڭ ئابرۇيىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى قوبۇل قىلمىساممۇ، ئەمما مېنىڭ مۇشۇنداق مۇئامىلىگە يولۇقۇشىمدىكى سەۋەبنى چۈشىنىمەن. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن بېشىمغا ھەرقانداق ئېغىرچىلىق كەلسىمۇ، بۇنىڭغا مەن غەيرىتىم بىلەن، ۋىجدانىم بىلەن ئۇلارغا قارشى يۈز تۇرانە تۇرالايمەن دەپ ئويلايمەن،» دېگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09232016220951.html

Share
1681 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.