logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە سوتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

1735482962hinainoritycholar0c373

 بۆلگۈنچىلىك, بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى بۇ ھەپتە قايتا سوتلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي خىتاي پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى سادىر قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ ئادۋۇكاتى شۇنداقلا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى لىيۇ شىياۋيۈەن، ئىلھام توختىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنى (2014- يىلى 17- سېنتەبىر) ئۈرۈمچىدە سوتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئىلھام توختى «بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش، بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئېتنىك دۈشمەنلىكنى ئۇلغايتىش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. ئىلھام توختى مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا بېيجىڭدىكى ئۆيىدە ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان؛ كومپېيوتېر، يانفون ۋە بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقاتلىرى مۇسادىرە قىلىنغانىدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ جۈمە كۈنى تۋېتتىر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ئىلھام توختىنىڭ جىنايىتى بېكىتىلگەن تەقدىردە، 15 يىللىق ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى

بۇ ھەقتە ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى مارىيا ھارف، ئىلھام توختىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر دائىرىسىدە قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتايغا چاقىرىق قىلغان، بېيجىڭ دائىرىلىرى بولسا ئامېرىكىغا «خاتالىقىنى تۈزىتىشى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىش ۋە سۆزلەشنى تاشلىشى كېرەك» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى

بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېتنىك مىللەتلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىلھام توختى بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ «ئۆكتىچى قاراشلىرى سەۋەبى» دىن بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ ئارقىدىن قويۇپ بېرىلگەنىدى

http://www.trt.net.tr/uyghur/%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83-%D8%AF%DB%87%D9%86%D9%8A%D8%A7%D8%B3%D9%89-%D8%AE%DB%95%DB%8B%DB%95%D8%B1%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89/2014/09/14/%D8%A6%D9%89%D9%84%DA%BE%D8%A7%D9%85-%D8%AA%D9%88%D8%AE%D8%AA%D9%89%D9%86%D9%89%DA%AD-%D8%A8%DB%87-%DA%BE%DB%95%D9%BE%D8%AA%DB%95-%D8%A6%DB%88%D8%B1%DB%88%D9%85%DA%86%D9%89%D8%AF%DB%95-%D8%B3%D9%88%D8%AA%D9%84%D9%89%D9%86%D9%89%D8%AF%D9%89%D8%BA%D8%A7%D9%86%D9%84%D9%89%D9%82%D9%89-%D8%A8%D9%89%D9%84%D8%AF%DB%88%D8%B1%DB%88%D9%84%D8%AF%D9%89-78158

Share
1472 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.