logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ 2-قېتىملىق سوتنىڭ ئاشكارا ئېچىلماسلىق قارارىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈردى

1735482962hinainoritycholar0c373

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 22-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى چارشەنبە كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ سۆزىدە نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئىلھام توختى دېلوسى ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنىڭ ئىلھام ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ 2-قېتىملىق سوتتا ئەسلى ھۆكۈمنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا بولغان ئۈمىدىگە ئېغىر زەربە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئىلھام ئەپەندىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتىنىڭ ھۆكۈمىنى قايتا قاراپ چىقىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما 11-نويابىر سەيشەنبە كۈنى سوت دائىرىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز قارار چىقىرىپ، ئوچۇق سوت ئېچىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى مېنى ئەندىشىگە سالدى. چارشەنبە كۈنى ئۇلار ماڭا قايتا -قايتا تېلېفون قىلىپ، ئىلھام توختى دېلوسى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئېلېكترونلۇق يوللانما ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

قارىغاندا يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمى مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئوچۇق سوت ئېچىشنى بىكار قىلىشى بىز سۇنغان نارازىلىق ئەرزى ئۈچۈن پايدىسىز دەپ قارايمەن. نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغاندىن كېيىن، يۇقىرى سوتنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىلھام ئەپەندى يەنە ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتىنىڭ ھۆكۈمىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە 100 نەچچە بەتلىك يازما دوكلات تەييارلىغان ئىدى. ئەگەر يۇقىرى سوت يەنىلا ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە دەپ قارا چىقارسا ئۇ چاغدا يەنە قايتا ئەرز قىلىش پۇرسىتىمىز قالماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-11132014161200.html

Share
1491 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.