logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى دائىرىلەرنىڭ 2-قېتىملىق سوتنى ئاشكارا ئېچىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

image

مېھرىبان

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى 11-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئۈندىدار تورىدا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، 2-قېتىملىق سوت ئېچىشنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما سوتنىڭ يېپىق ھالەتتە ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئىلھام توختى ئوتتۇرىغا قويغان سوتنى ئاشكارا ئېچىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندى تۋىتېر تورىغا يوللىغان ئۇچۇرىدا «11-نويابىر كەچ سائەت 7دىن 10 ئۆتكەندە مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ دېلوسىغا مەسئۇل خادىمىنىڭ تېلېفونىنى ئالدىم. ئۇ ماڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلھام توختى دېلوسى ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى» دېگەن. ئۆتكەن ھەپتە ئىلھام ئەپەندىنىڭ يەنە بىر ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا دائىرىلەرنىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ نارازىلىق ئەرزى سەۋەبىدىن ئېچىلىدىغان 2-قېتىملىق سوتنى يېپىق ھالەتتە ئېچىش ئېھتىمالى يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

23-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سوتتىن كېيىن ئىلھام ئەپەندى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-11112014160807.html

Share
1380 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.