logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىگە قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلگەن

 

مېھرىبان

ilham tohti sultansutukbuğrahan mezarinda

ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، رادىئومىز ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ۋە بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىگىلەپ تۇرماقتا.

ئۆتكەن ھەپتە ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ 8-ئاپرېل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «جۇڭگو ئىشلار كومىتېتى» دا دادىسى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىگە قارىتىلغان نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

«ئۇلار ھازىر نۆۋەت ئالمىشىپ پوستا تۇرۇپ، بۇ ئۆيگە كەلگەنلەرنى تىزىملىماقتا»

7-ئاپرېل كۈنى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم، يېقىنقى ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا ساقچىلارنىڭ بۇ ئائىلىسىنى 24 سائەت نۆۋەت ئالمىشىپ كۆزەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر :«بۇلار ھازىر ئۆينىڭ ئەتراپىدا 24 سائەت نۆۋەت ئالمىشىپ نازارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. 3-ئايدىن باشلاپ ئۇلار ئۆينىڭ ئالدىغا كېچىسى كارىۋات قۇرۇپ ياتىدىغان بولدى. كارىۋىتىنى كېچىسى قۇرۇپ ئەتىگەندە يىغىۋېتىدۇ. مەن ئىشقا چىقىپ كەتسەممۇ، ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلسەممۇ ئۆينىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ ئۇلار. مەن ئادەتتە كەچ سائەت 7 دىن كېيىن سىرتقا چىقمايمەن. بالىلىرىم بىلەن ئۆيدە بولىمەن.»

مۇخبىر:‏-ئۆيگە كىم كېلىپ، كىم كەتتى، شۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئولتۇرۇۋاتامدۇ ئۇلار؟
گۈزەلنۇر:‏-قوللىرىدا بىر دەپتەر بار. ئۆيگە كىملەر كىرىپ-چىقتى، شۇلارنى تىزىملايدىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ بېيجىڭ ساقچىلىرى ياكى شىنجاڭ ساقچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. سىلەر كىم دەپ نەچچە قېتىم سورىدىم، ئەمما جاۋاب بەرمىدى.«سەن بىزنىڭ كىملىكىمىزنى سورىما دەيدۇ.»

«ساقچىلار ئىلھامنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنى سوراق قىلدى»

گۈزەلنۇر خانىم يەنە ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساقچىلارنىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ بۇ مەۋسۇم ئۆتمەكچى بولغان دەرسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنى سوراق قىلغانلىقى ھەققىدە توختالدى:
-ئاڭلىسام، بۇلار ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بۇ مەكتەپكە كېلىپ، ئىلھامنىڭ بۇ مەۋسۇملۇق تاللانما دەرسى«شىنجاڭ نوپۇسى» نامىدىكى تاللانما دەرسىنى تاللىغان 45 ئوقۇغۇچىنى سوراق قىپتۇ. ئۇلار ئۇيغۇر خەنزۇ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان بۇ ئوقۇغۇچىلارنى بىردىن-بىردىن مەكتەپ ئامانلىق ساقلاش ئىشخانىسىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇلاردىن «ئىلھام مۇئەللىم سىنىپتا بۆلگۈنچىلىككە ئائىت مەزمۇنلارنى سۆزلىدىمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئەمما ئوقۇغۇچىلار ئۇلارغا،«ئىلھام مۇئەللىمنىڭ دەرسى مەكتەپ بويىچە ئۆتىلىدىغان تاللانما دەرس. ئۇنىڭدا شىنجاڭ نوپۇسى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ. سىنىپلارغا كامېرا ئورنىتىلغان. سىلەر دەرسنىڭ مەزمۇنىنى كامېرا ئارقىلىق تەكشۈرسەڭلار بولىدۇ. بۇ دەرستە بۆلگۈنچىلىككە ئائىت مەزمۇنلار يوق.بىز پەقەت نومۇر ئېلىش ئۈچۈن بۇ دەرسنى تاللىدۇق» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شىنجاڭ ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزلىرى كۈتكەن جاۋابنى ئالالماپتۇ. ئۇلار ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمەپتۇ.

«ئىلھامنىڭ ئەدەبىيات ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى مەكتەپتە مۇنازىرە قوزغىدى»

گۈزەلنۇر خانىم يەنە، ئىلھام ئەپەندىنىڭ بۇ يىللىق ئەدەبىيات ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنىڭ مەكتەپتە مۇنازىرە قوزغىغانلىقى ھەققىدە توختالدى:
‏-ئىلھامنىڭ ئەدەبىيات ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر مېنى ھاياجانلاندۇردى. دوستلىرىمىزدىن ۋوئىسېر تېلېفون قىلىپ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار گەرچە، ماڭا بىۋاسىتە ھالدا بۇ ھەقتە گەپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋىچات تورىدا ئىلھامنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئۆز-ئارا بىر بىرىگە يوللاپتۇ. بۇ خەۋەردىن خوش بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يوللىغان ئۇچۇرلارنى كۆردۈم.

«ئىلھام بىلەن كۆرۈشۈشىمىزگە يول قويمىدى، ئۇنىڭغا ئارتقان جىنايەتلىرىنى ئىسپاتلىيالمىدى»

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا گۈزەلنۇر خانىم يەنە، ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 3 ئايغا يېقىن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئىلھام ئەپەندى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە يول قويمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
-ھەرقانداق مۇرەككەپ دېلودىمۇ ئىككى ئايدىن كېيىن ئائىلىدىكىلەر ۋە ئادۋوكاتقا ئۇچۇر بېرىلىدىكەن. ئەمما، ئۈچ ئاي بولاي دېگەندىمۇ بىزگە ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. ئىلھامغا ئارتقان جىنايىتىنىمۇ بېكىتەلمىدى. چۈنكى، ئۇلار ھېچقانداق ئىسپات تاپالمىدى. ئەمما، خەلقئاراغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. مەن ئىلھامنىڭ گۇناھسىز بولۇپ ئاقلىنىپ چىقىشىغا ئىشىنىمەن.

8-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «جۇڭگو ئىشلار كومىتېتى» دا ئېچىلىدىغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەردىن باشقا يەنە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىمى سوفىي رىچاردسون، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى دونالد كلارك قاتارلىق كىشىلەرمۇ گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

http://w04072014151106.htmlww.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-

Share
1979 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.