logo

trugen jacn

ئىلھام توختىغا «تۈرك دۇنياسى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ھاياجانلاندۇردى

image

مېھرىبان

2014-u1031-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە سولانغان ئىلھام توختىغا «تۈرك دۇنياسى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ھاياجانغا سالدى. بۇ ئىلھام ئەپەندىنىڭ بۇ يىل 3 – ئايدا ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن«باربارا گولدمىش ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»دىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم خەلقئارا مۇكاپاتقا ئېرىشىشى. ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر ۋە بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ھاياجانلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلىدى.

2014 – يىلى ب د ت مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن ۋە مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىسمائىل گاسپىرالى يىلى» ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ئىسمائىل گاسپىرالى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ۋە ژۇرنالىستلار مۇكاپاتى»نىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىك خەۋىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ھاياجانغا سالدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىپ قىلىشى ئاستىدا تۇرۇۋاتقىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر تۈركىيىگە بېرىپ دادىسى ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىشقا تەكلىپ قىلىندى. ئەمما ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ۋە ئايالى گۈزەلنۇرلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىيىگە بېرىپ مۇراسىمغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغىنى ئۈچۈن، رادىئومىز ئارقىلىق 300 مىليون تۈرك دۇنياسىغا ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭدا تۇغۇلۇپ كىچىكىدىن خىتاي تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى ئالغان جەۋھەر راۋان ئېنگىلىز تىلى ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئۆز مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە، دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت ۋە باراۋەرلىك تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، دادىسى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە 1 – نويابىر تارقىتىلىدىغان «تۈرك دۇنياسى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى يەنە، شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دۆلەت باشلىقى دەرۋىش ئەروغلۇ، قىرىم تاتارلىرىنىڭ لىدىرى مۇستافا جەمىل قىرىملىئوغلۇ، ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى پاشايېۋا خانىم ۋە تۈركىيىدە تونۇلغان 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى مۇجاھىت قەشقەر قاتارلىقلارغىمۇ بېرىش قارار قىلىنغان.

ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر بۇ خەۋەرنىڭ ئۆزىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ يىل 3 – ئايدا ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئىلھامغا «باربارا گولدمىش ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى» نى بەرگەن چاغدىمۇ ئائىلىمىز ئۈچۈن بايرام بولغان ئىدى. ئىلھام تۈرمىدە پۇت – قولىغا كىشەن سېلىنىپ قاتتىق ئازاپ تارتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن قەدىرلىنىشى مېنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى» دېدى.

گۈزەلنۇر خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ تۈرمىگە سولىغان، ئائىلىسىنى قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئالغان بۇ ئېغىر بۇ كۈنلەردە، ئىلھام ئەپەندىنىڭ خەلقئارادا قەدىرلىنىشى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ يەنىلا ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار 1 – نويابىر كۈنى تۈركىيىنىڭ بارتىن ۋىلايىتىدە مۇكاپات بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.رادىئومىزنىڭ تۈركىيىدىكى مۇخبىرلىرى كېيىنكى نۆۋەتلىك خەۋەرلىرىدە 1 – نويابىردىكى مۇراسىمنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/turk-dunyasi-erkinlik-mukapati-10312014224453.html

Share
986 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.