logo

trugen jacn

ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2017-يىللىق «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى، بۈگۈن، يەنى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ۋايمار شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى تونۇلغان كىشىلەر قاتناشتى.

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» گە توغرا كەلگەن بۇ مۇراسىم گېرمانىيەنىڭ تۈرىنگەن شتاتىدىكى «ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت شەھىرى» دەپ ئاتالغان ۋايمار شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ستېفان ۋۇلف باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى، «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتور ئاننېگرېت نىكېل، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن گۇندۇلا گائۇزې، مارگارېتتا بائۇزې ۋە يۈزلىگەن ھەر ساھە كىشىلىرى ئىشتىراك قىلدى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمغا يەنە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىقىدىكى 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىللەر ميۇنخېن، كارلسرۇخ، فرانكفۇرت قاتارلىق شەھەرلەردىن كېلىپ قاتناشتى. مۇراسىمدا «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» دىن ئۇلرىخ دېلىيۇس باشلىق بىر بۆلەك خادىملار، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» دىن ئەنۋەرجان، پروفېسسور مارى خولىزمان، ۋە ئۇيغۇر تېمىسىدا كىتاب يېزىش بىلەن تونۇلغان يازغۇچى ئىنگېرد خانىملارمۇ بار ئىدى.

بۇ مۇراسىم، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى بولۇپ، مۇراسىم رەسمىي باشلىنىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىم ئالدى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ تۈرمە ھاياتىغا بېغىشلانغان تەسىرلىك مۇزىكا بىلەن باشلاندى. ئاندىن ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئۇلرىخ دېلمان ئەپەندى سۆز ئېلىپ، «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى. ئا ئۇ سۆزىدە: «ئىلھام توختى تىنچلىق يولى بىلەن زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ۋە بۇ يولدا تۆلىگەن بەدەللىرى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا لايىق ئىدى،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

مۇراسىمدا كىشىلەردە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىر ئىش شۇ بولدىكى، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، مەشھۇر سىياسەتچى گۇندۇلا خانىمنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدە سۆزلىگەن ئۇزۇن نۇتقى بولدى. گۇندۇلا خانىم ئىلھام توختى ھەققىدە ئۇ قەدەر چۇڭقۇر ئىزدەنگەنكى، ئىلھام توختىنىڭ شەخسىي ئىقتىسادىنىڭ توڭلىتىلىپ، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى ۋە ئائىلىسىنىڭ ھازىرقى قىيىن ھاياتى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىلھام توختى بىلەن تۈرمىگە بېرىپ كۆرۈشەلمەيۋاتقانلىقى، ئىلھام توختىنىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ناھايىتى ئىنچىكە تەسۋىرلەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ئىلھام توختىنىڭ ئەركىن چاغلىرىدا خىتاينىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە، قانچە قېتىملاپ تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈشلىرىگە پىسەنت قىلماي، زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئەتراپلىق بايان قىلدى.

بۇ مۇراسىمدا «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان، پروفېسسور مارى خولىزمان خانىملارمۇ نۇتۇقلار سۆزلەپ، ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى ھەققىدە چۈشەنچىلەر بەردى ۋە ۋايمار شەھىرىنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا لايىق كۆرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇراسىم ھەققىدە توختالغاندا، بۇ مۇكاپاتنىڭ يالغۇز ئىلھام توختىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە بېرىلگەن بىر شەرەپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىشنى تەۋسىيە قىلغانلار «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» بىلەن «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» بولۇپ، شەھەر باشلىقى ستېفان ۋولف ئەپەندى مۇكاپات لوڭقىسىنى ئۇلرىخ دېلىيۇس ۋە ئەنۋەرجان ئەپەندىلەرگە تەقدىم قىلغاندا زال ئىچىدە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئۇلرىخ دېلمان ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «بۇ مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بېرىپ توغرا قىلغانلىقىمىز ئىسپاتلاندى،» دېدى.

ئۇ مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ مۇكاپاتقا ئىلھام توختىنى نامزات تاللاپ ناھايىتى توغرا قىلغان. بۈگۈن بۇ يەردە ئىلھام توختى ھەققىدە بولۇنغان سۆزلەر، ئىلھام توختىنىڭ تۈرمە ھاياتى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى يولىدا قىلغان كۈرەشلىرى، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ھەقسىزلىقى بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلىپ توغرا قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىزگە بۇ مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بېرىشنى سايە قىلغان ‹ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى› غا ۋە ‹تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى› غا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.»

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتقىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى بۇ مۇراسىمدىن كۆپ ھاياجانلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى مارگارېتتا بائۇزې خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن قالتىس بىر كۈن بولدى. ئىلھام توختى ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈنمۇ ھەمدە ‹تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى› ۋە ‹ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى› ئۈچۈنمۇ قالتىس كۈن بولدى. بىز خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىنى دۇنيانىڭ ئۇنۇتمىغانلىقىنى، ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى، ھەقسىزلىقنىڭ ئەيىبلىنىپ، ھەققانىيەتنىڭ قوللاشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى پۈتۈن ئالەمگە جاكارلىدۇق.»

فرانكفۇرتتا ياشاۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىمۇ بۈگۈنكى بۇ مەنزىرىدىن بەكلا تەسىرلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بۈگۈنكى بۇ مۇراسىمدا ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا چۆمدۈرىدىغان كۆپلىگەن تەسىرلىك نۇتۇقلار، پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق توختىلىمىز

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-12112017161913.html

Share
2222 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.