logo

trugen jacn

ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇكاپاتلار خىتاينى بىئارام قىلماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئارقا-ئارقىدىن بېرىلگەن كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى خىتاينى بىئارام قىلغان.

مەلۇمكى، خىتايدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەينى چاغدا خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلىنىڭ 23-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

شۇندىن بېرى، ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ، ئارقا-ئارقىدىن بىر يۈرۈش خەلقئارالىق داڭلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئۇ ئۆتكەن يىلى 2016-يىللىق «مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ يىل خەلقئارا لېبىراللار بىرلەشمىسىنىڭ 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا، ئۇندىن ئىلگىرى بولسا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتى» غا ھەمدە يەنە گېرمانىيەنىڭ «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. ئۇ يەنە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋە «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلمەكتە.

ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارادا ئارقا-ئارقىدىن مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشى ۋە دۇنياۋى مۇكاپاتلارغا نامزات كۆرسىتىلىشى خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق گېرمانىيەلىك ئوبزورچى كاي شىرتماتتېرنىڭ 15-نويابىر كۈنى «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «ۋايمارنىڭ سىرى» ناملىق ماقالىسى بۇ نۇقتىنى روشەن يورۇتۇپ بەرگەن.

ماقالە مۇنداق ئىبارىلەر بىلەن باشلىنىدۇ: «خىتاي ۋايماردىن ئىلھام توختىغا بېرىلگەن كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئەلۋەتتىكى، ۋايمار خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋايمار شەھىرىدە غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى.»

بىلىنگىنىدەك، گېرمانىيەنىڭ تۈرىنگېن شتاتىغا جايلاشقان، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئېسىللىكى بىلەن مەشھۇر بولغان ۋايمار شەھىرى ۋە ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 2017-يىللىق «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىشنى قارار قىلغان ئىدى.

«ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت مەركىزى» دەپ نام ئالغان ۋايمار شەھىرى ۋە ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مۇكاپاتى 1995-يىلى تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر مۇكاپات يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت سارىيىدا چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە مەشھۇر زاتلارنىڭ قولى بىلەن تارقىتىلىپ كېلىنگەن. مۇكاپات سوممىسى 5 مىڭ ياۋرو قىلىپ بېكىتىلگەن.

ئاپتور كاي ئەپەندىنىڭ «ۋايمارنىڭ سىرى» ناملىق ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنىپ بىرقانچە كۈن ئۆتمەيلا، خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ بىر ئايال خادىمى ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، «بۇ مۇكاپات قايتۇرۇۋېلىنىشى كېرەك،» دەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. بىراق ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋايمار مۇكاپاتىغا مەسئۇل خادىمى ساشا خانىم بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان. بىز ساشا خانىمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن پىكىر ئېلىشقا ئۇرۇنغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ئۇجۇقتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپلا قالماي، ئىلھام توختى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغىمۇ توسالغۇ پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپتور كاي ئەپەندى «ۋايمارنىڭ سىرى» ناملىق ماقالىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇندىن 3 يىل مۇقەددەم، خىتاي سوت مەھكىمىسى پروفېسسور ئىلھام توختىنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلغاندا، ئۇنىڭ دوستى، بېيجىڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ‹جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى› گە ‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆتمۇ ياكى ھەقىقەتەن مۇشۇنداق زالىممۇ، مەن بۇنى بىلەلمىدىم،› دېگەن.» ئاپتورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇجيا سۆزىدە يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئارقىلىق «دۇنيادىن ئىلھام توختىنى ئۇنتۇلدۇرماقچى» بولغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىردىن-بىر ئاۋازى بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ساداسى بولۇپ، ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناشقا تىرىشقانلىقىنى، بۇنداق بىر مۆتىدىل ئىدىيەلىك ئۇيغۇر زىيالىيسىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىشىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىلا ئەمەس، ئادۋوكاتلار، چەتئەللىك دىپلوماتلارنىمۇ ھەيران قالدۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ماقالىسىدە، «خىتاينىڭ ئۆكتىچى كۈچلەرنى ياقتۇرمايدىغانلىقى ھەركىمگە ئايان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قەدەر ئېغىر جازانىڭ ئىلھام توختىنىڭ بېشىغا كېلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئىككى مىللەت ئارىسىدا كۆۋرۈك ياسىغۇچى دەپ بىلەتتى،» دەپ يازىدۇ.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، «بۇ مۇكاپات يالغۇز ئىلھام توختى ئەپەندىگىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىگە بېرىلگەن بىر مۇكاپات،» دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «ئىلھام توختى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئەڭ لايىق نامزات. ئىلھام توختىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نائىل بۆلىشىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى بارغانسېرى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئىلھام توختى ئالدىمىزدىكى يىللاردا يەنە كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، ئىلھام توختىغا بېرىلىۋاتقان مۇكاپاتلار يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ توختاۋسىز داۋام قىلىۋاتقان ھەققانىي كۈرىشىگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. بۇنى مۇشۇنداق چۈشەنسەك ئەڭ توغرا بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

خىتاينىڭ بىئاراملىقى، ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بولغان ئېتىرازى ۋە بېسىمى يالغۇز خىتاي ئەلچىسىنىڭ نارازىلىقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. خىتاي خاككېرلىرى بىرىنچى قەدەمدە ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدىكى يازمىلارنى يوقىتىۋەتكەن. ئىككىنچى قەدەمدە بۇ تور بېتىنى ئېچىلماس قىلىپ قويغان. بۇ ھال ۋايمار ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان. بۇ ھەقتە ۋە ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بەرگەنلىكى توغرىسىدا كېيىنكى پروگراممىمىزدا مەلۇمات بېرىمىز

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxtigha-mukapatlar-11202017201210.html

Share
1348 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.